تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنى يېپىلدى

   مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

   دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 53 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

   يىغىن ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قائىدىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش چارىسى››نى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى> ۋە <جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ساۋۇر تېغىدىكى مۇزلۇق، سۇ بايلىقىنى قوغداش رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى>نى تۈزىتىش توغرىسىدىكى قارارى››نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى››، ‹‹قومۇل شەھىرىنىڭ يەرلىك قائىدە – نىزام تۈزۈش نىزامى››نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋاڭ جىجۈننىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ۋە كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش ئىشلىرىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى.

   يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

   يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېڭىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، ئېغىر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ۋەزىپىسى مۈشكۈل. بىز باشتىن – ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ئىگىلەپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى باشتىن – ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، پارتىيە، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خىزمەتلەردە پارتىيە ۋە خەلقنى رازى قىلىشنى كۆزلىشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىشنى باشتىن – ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم سىياسىي ئۆلچىمى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرىكىش نۇقتىسى، تىرىشىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشتىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ شانلىق نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېت، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى