تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مىزانى

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەمىزنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىجتىمائىي مەسىلە››.

   مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر بولغان مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. چوڭقۇر تارىخىي قاراش، كەڭ دۇنياۋى نەزەر... باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىگە باشتىن – ئاخىر ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل سىڭدۈرۈلگەن، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپلا قالماي، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم مىزانغا ئىگە قىلدى.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېمە ئۈچۈن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، قانداق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قانداق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

   شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بۇ ئىدىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى ئىجادىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئەينى يىللاردىكى ‹‹ئىككى مەدەنىيلىك››تىن ‹‹ئۈچ بىر گەۋدە››، ‹‹تۆت بىر گەۋدە››گىچە، شۇنداقلا بۈگۈنكى ‹‹بەش بىر گەۋدە››گىچە، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، تەرەققىيات شەكلىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ھازىر خەلقنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجى دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىگە ئايلاندى، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە بۇرچى بولۇپ قالدى. ئۇلۇغ ئىشلار ۋە كۈرەش نىشانىدىن قارىغاندا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا نومۇر قوشىدىغان تۈر؛ 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە بۇنداق ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغان بولساق، ئۇنىڭ تەسىرى دۇنياۋى خاراكتېرلىك بولىدۇ.

   شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بۇ ئىدىيەنىڭ مول مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى، بۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە: ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش؛ سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق؛ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىش؛ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلار ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ قاتتىق قانۇن ئارقىلىق قوغداش؛ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئورتاق ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مۇھىم پىرىنسىپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئالتە پىرىنسىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىدىيەۋى مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى.

   شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، دېگەن مۇھىم تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى؛ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىش، دېگەن ئاساسىي مەقسەت روھىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى؛ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلار ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، دېگەن سىستېما ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتكۈل تەرەققىيات جەريانىدا تېجەشنى، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئەتكە تىنچلىق، ئىناقلىق، گۈزەللىك ئاتا قىلىشى كېرەك.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغانلا بولساق، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، خەلققە ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيمىز، دۇنيا ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى