تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

ساۋيۇڭچى: مەڭگۈ كەتمەيدىغان پىدائىي بولىمەن

 مۇخبىرىمىز خې خۇڭۋېي

     5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئاقتۇ ناھىيەسى چارلۇڭ يېزىلىق پارتىيە-ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ساۋ يۇڭچى كومپيۇتېرنى ئېچىپ، ماددىي بۇيۇملارنى ھېسابلاپ، مەكتەپ چۈشۈرۈپ بەرگەن تىزىملىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ‹‹1-ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمىغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم سالاھىيىتى  پىدائىي ئىدى.
    ساۋ يۇڭچى مۇنداق دېدى: بىز بالىلارغا بايراملىق سوۋغات تەييارلاپ قويدۇق. تاغلىق رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ بالىغا جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىمەن.
    بۇ يىل ساۋ يۇڭچىنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىگە ئالتە يىل بولدى، شۇنداقلا پىدائىيلىق قىلىۋاتقانلىقىغىمۇ ئالتە يىل بولدى.
    جياڭشى گەننەن پېداگوگىكا داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ساۋ يۇڭچى 2012-يىلى 7-ئايدا ئىستۇدېنت پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. ئۇ ئۆزىدىن باشقا 30 غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى بىلەن بىللە پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە  ئاقچى ناھىيەسىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ پىدائىيلىق ھاياتىنى باشلىدى.
    ساۋ يۇڭچى -يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇنجى قېتىم ئاقچى ناھىيەلىك پاراۋانلىق ئورنىغا كەلدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى 50 نەچچە بالا بۇ ناتونۇش كىشى ئالدىدا ناھايىتى قورۇنۇپ تۇراتتى. تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ساۋ يۇڭچىنىڭ كۆڭلى سەل يېرىم بولدى، ئۇ، ئىچكىرىدىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار چوڭ شەھەرلەرنى كۆرۈپ باقماپتۇ، ئەۋزەل ئوقۇش، تۇرمۇش شارائىتى، ھەتتا تىلغا ئالغۇدەك بىر نەچچە ئويۇنچۇقىمۇ يوق ئىكەن، دەپ ئويلىدى.
    ساۋ يۇڭچى بالىلارغا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ ھەر كۈنى كەچتە پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ، ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇلارغا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتتى، بالىلارمۇ بارغانسېرى ئۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالدى.
    ساۋ يۇڭچى 2013-يىلى پىدائىيلار پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ ھەمراھى  غەربىي رايون پىلانىغا قاتناشقان پىدائىي خې خۇڭمېينى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇلار بىرلىكتە ئىللىق ئېقىم پىلانى ئاممىۋى پاراۋانلىقى فوندىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىردى. ئىللىق ئېقىم پىلانى  جۇڭگو ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندىنىڭ مۇستەقىل ئاممىۋى پاراۋانلىقى تۈرى بولۇپ، تاغلىق رايوندىكى ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا  تۇرمۇش، ئۆگىنىش ماددىي بۇيۇملارنى ياردەم قىلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار ئىللىق ئېقىم پىلانى شىنجاڭ بېكىتى كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ، تۈرلۈك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە مەسئۇل بولدى.
    ئۈچ يىللىق پىدائىيلىق مۇلازىمىتى مەزگىلىدە، ساۋ يۇڭچى تاغلىق رايوندىكى بالىلار ئۈچۈن 2300 يۈرۈش ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى، 2141 يۈرۈش كىيىم، 1113 جۈپ مېھىر-شەپقەت ئايىغى، 13 مىڭ ئويۇنچۇق قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى يىغدى، شۇنداقلا يەنە توققۇز مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
    ساۋ يۇڭچى: ئۈچ يىللىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى مەزگىلى توشقاندىن كېيىن، بۇ يەردىن، بالىلاردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، شۇڭا شىنجاڭدا قېلىشنى تاللىدىم، دېدى. ئۇ خوتۇنى خې خۇڭمېي بىلەن شارائىتى جاپالىق ئاقتۇ ناھىيەسىدە قېلىشنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ يەرنىڭ شارائىتى جاپالىق، بالىلار بىزگە تېخىمۇ موھتاج.
    چارلۇڭ يېزىلىق پارتىيە – ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ساۋ يۇڭچىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت ئارىلىقىدا ئۇ پىدائىي مۇلازىمىتى قەدىمىنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارغىچە يەتكۈزدى.
    ساۋ يۇڭچىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئىللىق ئېقىم پىلانى ئاممىۋى پاراۋانلىقى فوندى 2017-يىلى 10-ئايدا چارلۇڭ يېزىلىق مەكتەپتە شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىللىق ئېقىم سىنىپىنى قۇردى. يېپيېڭى ئۈستەل – ئورۇندۇق ۋە كىتابلار، ئازادە سىنىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىلغار تور ئوقۇتۇش بايلىقى... بالىلار بۇنىڭدىن  تولىمۇ خۇش  بولدى. ساۋ يۇڭچى مۇنداق دېدى: ‹‹بالىلارنىڭ خۇشال تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، قەلبىم بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى. شۇنداقلا ناھايىتى قانائەت ھاسىل قىلدىم، بۇ مېنىڭ پىدائىيلىق پائالىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى››.
    چارلۇڭ يېزىسى ئاقتۇ ناھىيە بازىرىدىن 210 كىلومېتىر يىراقلىقتا، تاغ يولى ئېگىز – پەس، قاتناش قولايسىز ئىدى. ساۋيۇڭچى مۇنداق دېدى: يول يىراق بولغاچقا، خې خۇڭمېي ئىككىمىز ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق. ئەمما، بىزنى خۇشال قىلىدىغىنى، بىز ئايدا ئىككى، ئۈچ كۈن ۋاقىت چىقىرىپ، بىرلىكتە ئاممىۋى پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز. ئەتىگەن سائەت يەتتە، سەككىزلەردە ئۆيدىن چىقىپ، ئەتىسى سەھەر سائەت ئىككى، ئۈچلەردە قايتىپ كېلىپ، ھېرىپ ھالىمىز قالمايدۇ، ئەمما، چىن قەلبىمىزدىن يەنىلا خۇشال بولىمىز.
    ئالتە يىلدىن بۇيان، ساۋ يۇڭچى ئىللىق ئېقىم پىلانى شىنجاڭ بېكىتى كوللېكتىپىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى 110دىن ئارتۇق يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا قىممىتى 4 مىليون 400 مىڭ يۈەنلىك پاختىلىق كىيىم، سومكا، كىتاب، تەنتەربىيە سايمانلىرى قاتارلىق جەمئىيەتتىكىلەر ئىئانە قىلغان مېھىر – شەپقەت ماددىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئىللىق ئېقىم پىلانىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى بارغانسېرى زورىيىپ، تاغلىق رايوندىكى ياردەمگە ئېرىشكەن بالىلار كۆپەيدى.
    تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 32-قېتىملىق خەلقئارا پىدائىيلار كۈنىدە، ساۋ يۇڭچى بىلەن خې خۇڭمېينىڭ مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى ‹‹نۈەن باۋ›› دۇنياغا كۆز ئېچىپ، ئىككىيلەننىڭ ئەڭ ياخشى سوۋغىتىغا ئايلاندى. ساۋيۇڭچى مۇنداق دېدى: پىدائىيدىن ئىبارەت بۇ يېڭى سالاھىيەتكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئاتلاندىم. يېزا بالىلىرىغا تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدە رىشتە باغلىدىم، كەلگۈسىدە مەڭگۈ قايتمايدىغان پىدائىي بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى