تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ئاكتىپلىق بىلەن ئىللىق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش

    بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆز ئارا كۆيۈنۈش

    بالىلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى بالىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۆز پىكىرى ۋە ئېھتىياجىنى چۈشىنىش، نېمىنى ياخشى كۆرىدىغان، نېمىدىن خۇشال بولىدىغان، نېمىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۈرلۈك ھېس – تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىش كېرەك. ئەگەر سىز بالىڭىزنى چۈشىنىش دەرىجىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭ:

    بىرىنچى، كىم بالىڭىز بىلەن دائىم باردى-كەلدى قىلىدۇ؟

    ئىككىنچى، بالىڭىز قانداق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ؟

    ئۈچىنچى، ئۇ قايسى چولپانغا ئامراق؟

    تۆتىنچى، بالىڭىز دائىم قانداق ئىشتىن نارازى بولىدۇ؟

    بەشىنچى، بالىڭىزنىڭ ئەڭ خالىمايدىغان ئىشى نېمە؟

    ئالتىنچى، ئۆگىنىش جەھەتتە بالىڭىز قايسى پەننى ياقتۇرۇپ ئۆگىنىدۇ، قايسى پەننى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ؟

    يەتتىنچى، بالىڭىز قانداق پروگراممىنى قىزىقىپ كۆرىدۇ؟

    سەككىزىنچى، بالىڭىز ئادەتتە قايسى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئەڭ ياخشى كۆرۈپ قاتنىشىدۇ؟

    توققۇزىنچى، بالىڭىز دائىم قايسى ئوقۇتقۇچىسىنى كۆپرەك تىلغا ئالىدۇ؟

    ئونىنچى، بالىڭىز نېمىدىن بەكرەك قورقىدۇ؟

    ئون بىرىنچى، بالىڭىز قانداق ئىشقا ئاسان چېچىلىپ قالىدۇ؟

    ئون ئىككىنچى، بالىڭىزنىڭ غايىسى نېمە؟

    ئون ئۈچىنچى، بالىڭىز ئۆزىنىڭ يېشىنى چوڭ ياكى كىچىك كۆرەمدۇ؟

    ئون تۆتىنچى، بالىڭىز ئائىلە ئىشلىرىدا ئاڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش نېمە؟

    ئون بەشىنچى، بالىڭىز قانداق كىتابلارنى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدۇ؟

    ئون ئالتىنچى، بالىڭىزنىڭ مەكتەپتە لەقىمى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇ نېمە؟

    ئون يەتتىنچى، بالىڭىز قانداق تاماقنى ياخشى كۆرىدۇ؟ قانداق تاماقنى ياقتۇرمايدۇ؟

    ئون سەككىزىنچى، بالىڭىز قايسى ھايۋاننى ياخشى كۆرىدۇ؟

    ئون توققۇزىنچى، بالىڭىزنىڭ «كىچىك ئامبىرى» بارمۇ؟ پۇل يىغىش ئادىتىچۇ؟

    يىگىرمە، بالىڭىزنىڭ سىزدىن ئەڭ قورقىدىغىنى نېمە؟

    ئەگەر سىز 15 تىن ئارتۇق سوئالغا توغرا جاۋاب بەرسىڭىز،دېمەك، سىز بالىڭىزنى چۈشىنىدىغان ھېسابلىنىسىز، ئەگەر جاۋابىڭىز 10 سوئالغىمۇ يەتمىسە، سىز بالىڭىزنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان ھېسابلىنىسىز، بۇ سىزنىڭ ئۆزگەرتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

«ئاتا - ئانىلار قوللانمىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى