تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقۇمىچىلىق سېخىدا يارىتىلغان گۈزەل تۇرمۇش

قۇربانجان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

  قۇربانجان سادىق 5-ئاينىڭ 7-كۈنى جىڭ ناھىيەسى سانائەت رايونىدىكى شىنجاڭ ‹‹جىنتەيخې›› توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق سېخىدا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، قۇربانجان ئاددىي دېھقاندىن زاۋۇتنىڭ تېخنىكى بولغىچە تىرىشىپ ئۆگىنىش، جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇشىنى ياراتتى.

  37 ياشلىق قۇربانجان جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزى بازىرى بۇرە كەنتىدىكى ئاددىي دېھقان بولۇپ، ئۈچ بالىسىنىڭ چوڭى 12 ياشقا، كەنجىسى بەش ياشقا كىرگەنىدى. ئائىلىسىنىڭ يېرى ئاز بولغاچقا، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن ھەر تەرەپكە قاتراپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى. 2017-يىلى 3-ئايدا، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇرە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، قۇربانجان ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ‹‹جىنتەيخې›› توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە ئىشچىلىققا تاللاندى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن جاپاغا چىداپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۆپ مەشىق قىلىپ، تېزلا توقۇمىچىلىق مەشغۇلاتى ماھارىتىنى ئىگىلىۋالدى.

  قۇربانجان مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دېدى: ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ھازىر ھەر ئايدا 6500 يۈەن مائاش ئالىمىز، ناھىيە بازىرىدىن ئۆي ئىجارە ئالدۇق، بالىلىرىمىزمۇ ناھىيە بازىرىدا ئوقۇۋاتىدۇ. مەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش›› خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىزگە بۇ خىزمەتنى تونۇشتۇرغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئىشىنىمەنكى، نېمە ئىش قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، كۆڭۈل قويساقلا، ھامان قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، بىز چوقۇم بىر جۈپ ئىشچان قولىمىزغا تايىنىپ، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش يارىتالايمىز.

قۇربانجان توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنمەكتە.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى