تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ياخشى ئەر ئايالىدىن «قورقىدۇ»

ماتېرىيال سۈرەت

  ھازىرقى كىشىلەر «ئايالىدىن قورقۇش» نى توغرا چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ئايالىدىن قورقىدىغان ئەر يوق، ھەر قانچە بوشاڭ ئەر، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەرمۇ ئايالىدىن قورقمايدۇ. بۇنداق «قورقۇش» مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر خىل ئەقىل-پاراسەت ۋە كەڭ قورساقلىق، بىر ئەرنىڭ ئايالىغا بولغان ھەقىقىي مۇھەببىتىدۇر. مېنىڭچە بۇنداق «قورقۇش» نى يەنە ھۆرمەت، دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئايال كىشى ئائىلىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك ئادەم. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئەرلەردىنمۇ كۆپرەك كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇلار خىزمەت ئىشلەيدۇ، جەمئىيەتتە ئۇچرايدىغان بېسىمىمۇ ئېرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنى باقىدۇ، ئائىلىنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. شۇڭا، ئايالىڭىزنى سۆيسىڭىز، ۋاقىتىڭىز يار بەرسىلا ئۇنىڭغا كۆپرەك ياردەملىشىپ بېرىڭ. بۇ ئۇنىڭدىن قورقۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنى سۆيگەنلىكتۇر.

  ھازىر ئەر-ئاياللار سىياسىي ۋە ئىقتىساد جەھەتتە باراۋەر، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا خىزمىتى بار. بولۇپمۇ، ھازىرقى زاماندا ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، ئارىلىشىدىغان كىشىلەر قاتلىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئاياللار قازان بېشىدىن ئايرىلىپ، ئەرلەرگە ئوخشاش جەمئىيەتتىن ئىبارەت كەڭ سەھنىدە ئۆز ئىقتىدارىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

  ئەلۋەتتە «ئايالىدىن قورقۇش» چاقچاقلاردا ئېيتىلغاندەك «ئايالىم قوشۇلسا قول كۆتۈرىمەن، قوشۇلمىسا كۆتۈرمەيمەن» دېگەنلىك ئەمەس. ئائىلىدە چوڭ پرىنسىپال مەسىلىلەرنى يەنىلا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىش كېرەك، بىر ئادەمنىڭلا دېگىنى دېگەن بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئومۇمەن، «ئايالىدىن قورقۇش» نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئايالىدىن «قورقىدىغان» ئەر ئايالىنى خۇش قىلىش، ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، ئائىلىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ئائىلىسى، ھەمراھىغا يۈكسەك مەسئۇل بولالايدىغان ئەر ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئەرلەرنىڭ ئايالىدىن «قورقۇش» ىنى، ئايالىنى ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى ئايالىدىن «قورقىدىغان» ئەر ئەڭ ئوماق!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى