تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

مەسىلىنى بالىنىڭ ئۆزىگە تەتقىق قىلغۇزۇش كېرەك

    نورمال تەرەققىي قىلغان ھەرقانداق بالىدا بەش، ئالتە ياشلاردا مەلۇم مەسىلىگە قارىتا ئالاھىدە سەزگۈرلۈك ۋە قىزىقىش پەيدا بولىدۇ. ناۋادا بالىنىڭ قىزىقىشى دەل جايىدا بايقىلىپ توغرا يېتەكلەنسە بالىنىڭ ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇشىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ.

    تېلېۋىزوردا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار. بىر بالا ئويناۋېتىپ قورسىقى ئاچقانلىقىنى سېزىدۇ ۋە ئەتراپقا قاراپ ئۈستەلدە تۇرغان بىر پېچىنىنى كۆرىدۇ. لېكىن ئېلىشقا بويى يەتمەيدۇ. بالا ياندىن بىر داسنى ئەكىلىپ ئۈستىگە چىقىپ پېچىنىنى ئالماقچى بولىدۇ. لېكىن يەنىلا قولى يەتمەيدۇ، ئاخىرى بالا داسنى دۈم قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پېچىنىگە قولى يېتىدۇ.

    بۇ بالىنىڭ ھەرىكىتى بىزنى نۇرغۇن خىيالغا سالىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئاتا-ئانىسى بولغان بولسا قانداق قىلار ئىدى؟ پېچىنىنى ئېلىپ بېرەتتى. ئاتا-ئانىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بالىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىنى توسۇپ قوياتتى. شۇڭا بىز بالىلارنى بەزى ئىشلارنى ئۆزى قىلىشقا، ئىش قىلىش جەريانىدا كاللا يۈگۈرتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

    مەيلى بالا نېمە ئىش قىلسۇن بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشى مەغلۇب بولماي قالمايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار شۇ چاغدا بالىنى سەن نېمىدېگەن دۆت. ئۆزۈملا قىلاي، دەپ ئەيىبلەيدۇ. لېكىن ئەقىللىق ئاتا-ئانىلار بالىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، خاتالىقىڭنىڭ سەۋەبى نېمىكەن؟ دەپ ئوبدان ئويلاپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بالا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغاندا يول كۆرسىتىدۇ. نورمال تەرەققىي قىلغان ھەرقانداق بالىدا بەش، ئالتە ياشلاردا مەلۇم مەسىلىگە قارىتا ئالاھىدە سەزگۈرلۈك ۋە قىزىقىش پەيدا بولىدۇ. ناۋادا بالىنىڭ قىزىقىشى دەل جايىدا بايقىلىپ توغرا يېتەكلەنسە، بالىنىڭ ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇشىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. بالا جانلىق نەرسىلەرگە ئەڭ قىزىقىدۇ. قىزىقىش بالىنىڭ ئويغاتقۇچى ئۇستازىدۇر.

    بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنى شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ بېقىشقا تىرىشىدۇ. لېكىن بالىنىڭ قىزىقىشىغا بەكمۇ بىخەستەلىك قىلىدۇ. بەزى بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ ھايۋان، ئۆسۈملۈك، ماشىنا، رەسىم، مۇزىكا، رەڭگە بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن ئاتا-ئانا كۆرمەسكە سالىدۇ. بالىنى تەربىيەلەشنىڭ بۇنداق ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. لېكىن ئۆگىتىشكە ماھىر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

    تيەنجىندە جاڭ مىڭ ئىسىملىك بىر پەن-تېخنىكا ھەۋەسكارى بولۇپ، 11 يېشىدا رادىيو ياساپ مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ئۈچىنچى بولغان. لېكىن ئۇمۇ كىچىك ۋاقتىدا گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا ئىدى. يەسلىگە بارغىلى ئۇنىمايتتى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ خىزمەتكە كېتەتتى. ئۇ ئۆيدە دومىلاپ ئويناپ كىرلىشىپ كېتەتتى. ئويۇنچۇقلىرى ئۆينى بىر ئالاتتى. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بۇنداق كەپسىزلىكىدىن بىزار ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بۇ بالىدىكى كەپسىزلىكنىڭ ئىجادىي كۈچ ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

    ئاتا-ئانىسى شۇ چاغدىلا ئوغلىنىڭ ئويۇنچۇقلارنى چۇۋۇشىنىڭ بىر خىل كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئوغلىنىڭ قىزىقىشىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن ئۇلار ئوغلى بىلەن ئويۇنچۇقلارنى بىللە چۇۋۇپ ئوينايدىغان، چۇۋۇغاچ ئويۇنچۇقنىڭ قانۇنىيىتىنى بالىغا چۈشەندۈرىدىغان بولدى. بالىنىڭ تەپەككۇرىغا ئىلھام بەردى. ئەڭ ئاخىرى بالا تەڭتۇشلىرىدىن ئۈزۈپ چىقتى. ناۋادا ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۇرۇپ دۈشكەللىگەن بولسا، بىر ئالىم بۆشۈكىدىلا بوغۇلۇپ قالغان بولاتتى. شۇڭا بىز مۇنداق دەپ خىتاب قىلىمىز:

    بالىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، سۆز-ھەرىكىتى ۋە قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ قىزىقىشىنى بايقايلى. شۇندىلا بالا بىر بۆسۈش ئېغىزى تېپىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۆگەنمىسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئىقتىدارى بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزنىڭ بايقىشىغا، ئىلھاملاندۇرۇشىغا موھتاج. لېكىن سۇبيېكتىپ خىيالىڭىزنى بالىغا تاڭسىڭىز بولمايدۇ. بولمىسا بالىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش جەريانىدا خاتالىققا يول قويىسىز.

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى