تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

‹‹خىزمەت ئەترىتى ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىزگە ياردەم قىلدى››

   مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹خىزمەت ئەترىتى ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىزگە ياردەم قىلدى››، دېدى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى پاتىمە بارات ئۆيىدە ئاچقان ‹‹مېھىر – شەپقەت ››تاللا بازىرىدا.

   پاتىمە بارات يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى مۇنجاقلىق كەنتىدىن بولۇپ، ھازىر ئېرى تامچىلىق قىلىدۇ، ئائىلىسىنىڭ 20مو تېرىلغۇ يېرىنى تېرىغاندىن باشقا، يەنە قوي – كالا بېقىپ، كۈنلىرى بەختلىك ئۆتمەكتە.
2014 – يىلى پاتىمەنىڭ ئېرى ئېغىر كېسەل بىلەن ئاغرىپ، 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇش سەۋەبىدىن بۇ ئائىلە بىردىنلا نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

   مۇنجاقلىق كەنتىدە 587 ئائىلە، 2410 نوپۇس بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز بولغاچقا، 270 ئائىلىدىكى 1117 نوپۇس نامرات نوپۇس ئىدى.

   بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش –  تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە مۇنجاقلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، كەنتنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، كەنتتىكىلەرنىڭ مەركەزلىشىپ باقمىچىلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئۇلارنى خاس تېرىقچىلىق بىلەن شۇغىللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

   شۇنداقتىمۇ كەنتتە پاتىمەگە ئوخشاش ئائىلىسىدە ئەمگەكچى كەمچىل ئائىلىلەر خېلى بار ئىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇنداق ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەنتتە كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئورۇن ئاجرىتىپ بېرىشى ھەم 5000 يۈەن ئىئانە قىلىشى بىلەن بۇ يىل 1 – ئايدا پاتىمەنىڭ تاللا بازىرى تىجارەت باشلاپ، ئايلىق كىرىم 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. ھازىرغىچە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە بۇ كەنتتىكى ئىككى نامرات ئائىلە مۇشۇنداق تاللا بازىرى ئېچىۋالدى. بۇ يىل يەنە ئىككى ئائىلىدە مۇشۇنداق تاللا بازىرى ئېچىش پىلانلاندى.

   نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىنى تىكلىشىگە ياردەم  بېرىش كېرەك. ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا ئىچكى ھەرىكەتلەرندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتقاندىلا نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، دېھقانلارنى ھەقىقىي بېيىتقىلى بولىدۇ. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت كومىتېتى ئالدىدىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ، نامرات ئائىلىلەرگە ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللىدى. ھازىرغىچە  ئالتە دۇكان ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى 30 دۇكان ئېچىشنى پىلانلىدى.

   كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا نامرات بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكى تىجارەتچىلەرنى ئەھۋالىغا قاراپ ئايدا ئازراقتىن مەبلەغ ئىئانە قىلىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، كەنتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

   پاتىمە بۇ چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن ئايدا 100 يۈەن ئىئانە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر كىشىنىڭ بېيىشى باي بولغانلىق ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلسا ئاندىن ياخشى بولىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا تۇرمۇشۇم كۈنسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، مەنمۇ نامرات يۇرتداشلىرىمغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىم كېرەك.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى