تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

دۇنياۋى سودا ئالتۇن كۆۋرۈكى سېلىش

  ___ گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىلىغا نەزەر

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا

  5 – ئاي، باش يازدىكى گۇاڭجوۋدا كاتتا مەرىكە 123 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى (گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى) ئەمدىلا ئاياغلاشقانىدى. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ دۇنياۋى سودا يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 180 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 200 مىڭدىن كۆپرەك مال سېتىۋالغۇچى سودىگەر يەرمەنكىگە قاتناشقان، ئېكسپورت پۈتۈشۈش ئومۇمىي سوممىسى 30 مىليارد دوللاردىن ئاشقانىدى.

  گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى، جۇڭگو تاشقى سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ بىڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى ئىككى بازار، ئىككى بايلىقتىن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن پايدىلىنىپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دۇنياۋى سودا خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىسىغا خاس رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى.

  ‹‹جۇڭگودىكى 1 – يەرمەنكە›› دەپ تەرىپلەنگەن گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش كۆزنىكى، كارتىنىسى ۋە بەلگىسى. ئۇنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش يولى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھچى بولدى. مەن 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى سارىيىغا كىرىپ، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ئىزنالىرىنى ئىزدىدىم.

   جۇڭگودىكى 1 – يەرمەنكە

  گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى كۆرگەزمە زالىغا ‹‹جۇڭگو ئېكسپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى›› دېگەن خەت يېزىلغان بىر پارچە كونا رەسىم ئېسىلغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانىدى، ئۇ گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە ئالاقە ۋە تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 1956 – يىلى 11 – ئايدا گۇاڭجوۋدىكى سابىق جۇڭگو – سوۋېت دوستلۇق سودا سارىيىدا جۇڭگو ئېكسپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزگەن ئىكەن.

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى 1957 – يىلى 4 – ئايدا گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 13 كەسپىي تاشقى سودا باش شىركىتى ئۆمەك تەشكىللەپ يەرمەنكىگە قاتناشقان، يەرمەنكىگە 10 مىڭ خىلدىن ئارتۇق تاۋار قويۇلغان بولۇپ، 19 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1223 مال سېتىۋالغۇچى سودىگەر يەرمەنكىگە قاتناشقان. گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ تۇنجى يىلىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 86 مىليون 860 مىڭ دوللارغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شۇ يىلدىكى نەق پۇل كىرىم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20ىنى ئىگىلىگەن. ئۇ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جۈملىدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ئالاقە يولىنى ئېچىپ، ‹‹دوستلۇق رىشتى، سودا كۆۋرۈكى››گە ئايلانغان.

  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يىلدا ئىككى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى يىلمۇيىل داۋاملىشىپ كەلدى. دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى قامالنى بۆسۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قىلىش، ئىسلاھات، ئىچىۋېتىشتىن تارتىپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانغا قەدەر، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى بۇ ئۈچ چوڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ ئۆسۈپ يېتىلگىچە، قەد كۆتۈرگەندىن تارتىپ ئۇچقاندەك راۋاجلانغىچە جۇڭگونى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ كەلدى.

  سانلىق مەلۇماتلار گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى شانلىق مۇساپىگە گۇۋاھچى بولدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان سودىگەر ئەڭ دەسلەپكى 13 كەسپىي تاشقى سودا باش شىركىتىدىن بۈگۈنكى 20 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىغا، مال سېتىۋالغۇچى سودىگەر ئەڭ دەسلەپكى 1200 نەچچىدىن بۈگۈنكى 200 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن، ئېكسپورت پۈتۈشۈش سوممىسى 30 مىليارد دوللاردىن ئاشقان.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى تەرەققىيات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلدى، يېڭىلىق ياراتتى. گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، يەرمەنكىنى تەشكىللەشنىڭ ئۇسۇلى، ئەندىزىسى، يەرمەنكە سۇبيېكتى، يەرمەنكىگە قويۇلىدىغان تاۋار، يەرمەنكە رايونى تەسىس قىلىش، سودىگەر تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقا – ئارقىدىن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى بىر نۆۋەتتە ئىككى قارار ئۆتكۈزۈش، ئىككى سارايدا ئىككى قارار ئۆتكۈزۈشتىن بىر نۆۋەتتە ئۈچ قارار ئۆتكۈزۈشكىچە، جۇڭگو ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسىدىن جۇڭگو ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسىگىچە بولغان چوڭ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتېر بىلەن كەسپىي خاراكتېرنى تەڭ ھازىرلىغان خەلقئارا سودا كاتتا يەرمەنكىسىگە ئايلاندى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ــــ ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىمۇ گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە ئوخشاشلا تېز ئۆسۈپ يېتىلدى. شىنجاڭدا 1992 – يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى 19 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، 2011 – يىلى يەرلىك سودا يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولغان جۇڭگو ــــ ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش، رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇپىسى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ باشقا ئۆلكە، شەھەر ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

   سودا ۋە دوستلۇق ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈكى››

  گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدا ‹‹گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ كونا قاتناشقۇچىلىرى›› دېگەن تېمىدىكى بىرنەچچە پارچە سۈرەتنى كۆردۈم، ئۇنىڭدا گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە ئۇدا نەچچە يىل قاتناشقان بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغانىدى. ‹‹گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ كونا قاتناشقۇچىلىرى›› ئارىسىدىكى بىرەيلەننىڭ ئىسمى لى خۇەن بولۇپ، ئۇ شياڭگاڭ ‹‹يۈەندا›› سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش دىرېكتورى ئىكەن. ئۇ تۇنجى نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىدىن تارتىپ 122 – نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگىچە ئىزچىل قاتناشقان بولۇپ، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئىكەن. چۈشەندۈرگۈچى: لى خۇەن گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەر نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە ئىزچىل قاتنىشىپ كەلدى، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، دېدى.

  گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى سودا ئالتۇن كۆۋرۈكى بولۇپلا قالماي، يەنە دوستلۇق ئالتۇن كۆۋرۈكى. چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ ‹‹ئەڭ چوڭ تاشقى ئىشلار سورۇنى›› دەپ تەرىپلەنگەن ئىكەن. گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، تەخمىنەن 80 نەچچە دۆلەتنىڭ باشلىقى ۋە سىياسىي ئەربابلىرى زىيارەتكە كەلگەن. گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى كەڭ ئالاقە ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلاردىن دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىقتىساد ئالاقىسىنىڭ تەسىرى ۋە تاشقى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  بۇ يىللىق گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىدە ‹‹ۋولمارت››، ‹‹كەررىفور››، ئامېرىكا مەركىزىي سېتىۋېلىش شىركىتى قاتارلىق چوڭ سېتىۋالغۇچىلار، شۇنداقلا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا قاتناشقۇچى دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كىچىك سودىگەرلەر بار. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئەمدىلا ئاياغلاشقان گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىن 90 مىڭدىن ئارتۇق سودىگەر قاتناشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.86 ئاشقان؛ بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئىمزالانغان ئېكسپورت پۈتۈشۈش سوممىسى 9 مىليارد 670 مىليون دوللار بولۇپ، %8.8 ئېشىپ، ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ %32.2ىنى ئىگىلىگەن. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ھەم رېئال ئىقتىساد – سودىنىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

   يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش

  شۈ بىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىدە ھەرقايسى تەرەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇردى، يەرمەنكىگە قاتناشقان دۆلەتلەر يېڭى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يېتىشتۈرۈش ۋە بازارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، ئەقلىي سودا يەرمەنكىسى، يېشىل سودا يەرمەنكىسى بەرپا قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش بىلەن، بۇ يىللىق گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىدە يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندى. يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلار تەمىنلەش جەھەتتە كۈچەپ، يېڭىلىق يارىتىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشتى، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا، خاس كۇرسلۇق مەھسۇلاتقا ۋە يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە نۇرغۇن باشلامچى كارخانا ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ يەرمەنكىگە قاتناشتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، خاس مەھسۇلاتلار تەدرىجىي كۆپەيدى، ئەقلىيلەشكەن، كۇرسلاشقان ئىلغار مەھسۇلاتلار يېڭى ئېقىمغا ئايلاندى. جۇڭگو ياسىمىچىلىقى چېگرا سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن سودىگەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  123 – نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان نوپۇزلۇق چەت ئەللىك سودىگەر، شىۋېتسىيە ‹‹ئىنتېل›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پېپپىنو كوكوززا: گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى داۋاملىق ئۆزگەرمەكتە، پەن – تېخنىكا تۈسى كۈچەيمەكتە، ئەقلىي ياسىمىچىلىق ۋە مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى گەرچە دۇنياۋى يەرمەنكە بولسىمۇ، لېكىن مەن سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ %95ى جۇڭگودا ياسالغان، دېدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇلغان گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى يورۇتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى