تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

گۈزەل نارات يايلىقى

    ئاق ياۋا گۈللەر، سېرىق گۈللەر، ئاق زەپىران گۈللەر تاغ-دالىلارنى قاپلاپ، يايلاق رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى. 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، نارات يايلىقىدا تۈرلۈك ياۋا گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلدى، تاغ باغرىغا نەزەر سالسىڭىز، قىزىل، ئاق، سېرىق، كۆك، سۆسۈن رەڭلەر گىرەلىشىپ،  گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق تاغ ئاستىدىكى كىگىز ئۆي ۋە چارۋا ماللار تولىمۇ كىچىك كۆرۈنۈپ، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا سۇ بوياق رەسىمىدەك گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

    نارات مەنزىرە رايونى شىنجاڭدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئالتە چوڭ گۈزەل يايلاقنىڭ بىرى، دۆلەت  AAAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ باھالانغان.  

    ئادەملەر ئاز جايىدا مەنزىرە شۇنچە گۈزەل بولۇپ، ھەممە يەرنى تولىمۇ چىرايلىق ياۋا گۈللەر قاپلىغان ئىدى. بوشلۇقتىن قارىغاندا بىپايان يايلاق تولىمۇ ھەيۋەت كۆرۈنەتتى، مەيلى قەيەرگە بارماڭ، ھەممىلا جايدا گۈللەر ئېچىلغان، پادىلار ئوتلاپ يۈرگەن گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى