تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە ئاكتىپ بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نىشانى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تولۇق نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ،يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، »بىر بەلباغ، بىر يول« قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا چېتىلىدىغان تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چەتكە چېتىشلىق ئىشلارنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىپ، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يەرلىكنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

   يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى