تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

نېمە ئۈچۈن يەسلىدىكى بالىلار ئۆزئارا ئۆگەنسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟

    بالىلار مائارىپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئائىلە باشلىقلىرى بولسۇن، ھەممىسى يەسلىدىكى بالىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئائىلە باشلىقلىرى ئۆگىتىدۇ، بالىلار ئۆگىنىدۇ. لېكىن، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يەسلى بالىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولغان بىر خىل ئۇسۇل.

    يەسلى بالىلىرى ئۆزئارا ئۆگەنسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلاردىكى ھېسسىيات ۋە قىزىقىش ئوخشاش، ئۇلار باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ ئۆزئارا ئۆگىنىدۇ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ چوڭلار ھازىرلىيالمىغان شارائىت. شۇڭا، بالىلارغا ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئالاقە قىلىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ بېرىش لازىم. بۇ بالىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى