تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىدىكى 24 ماھىرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورىدا 2019-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كوللېكتىپ مەشىققە قاتنىشىدىغان  24 ماھىرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە جىڭ جىنىڭ ئىسمىمۇ بار بولۇپ، شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن ئالتە ئادەم تاللاندى.

  تىزىملىكتە يارىلىنىش سەۋەبىدىن كوماندىدىن ئايرىلغان جىڭ جى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاللانغان خېڭدا كوماندىسىنىڭ توپچىلىرىدىن يەنە زىڭ چىڭ، جاڭ لىنپىڭ، دىڭ خەنۋىنلەرمۇ بار. شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن ۋۇ لېي، يەن جۈنلىڭ قاتارلىك ئالتە ماھىر بار. جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسىدا ئىپادىسى قالتىس بولغانلاردىن يەنە U23 ياشلىقلاردىن كىچىك ئەزىمەت خۇاڭ زىچاڭمۇ لىپىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغان.

  ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئېلىمىز ئەرلەر كوماندىسى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جياڭسۇ نەنجىڭ ۋە تايلاند باڭكوكتا كوللېكتىپ مەشىققە قاتنىشىدۇ ۋە بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ.

  كوللېكتىپ مەشىققە قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

  گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسىدىن: زىڭ چىڭ، جاڭ لىنپىڭ، جىڭ جى، دىڭ خەنۋىن؛

  شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن: يەن جۈنلىڭ، ۋاڭ شىنچاۋ، شى كې، ۋۇ لېي، يۈ خەي، چېن بىنبىن؛

  تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسىدىن: ليۇ يىمىڭ، جاۋ شۈرى؛

  خېبىي خۇاشيا بەخت كوماندىسىدىن: جاڭ چىڭدۇڭ؛

  گۇاڭجۇ فۇلى كوماندىسىدىن: شياۋ جى؛

  شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن كوماندىسىدىن: ۋاڭ دالېي، جىڭ جىڭ؛

  چاڭچۈن ياتەي كوماندىسىدىن: خې چاۋ، فەن شياۋدۇڭ، تەن لۇڭ؛

  بېيجىڭ جۇڭخې گوئەن كوماندىسىدىن: ۋىي شىخاۋ، پۇ چىڭ، چى جۇڭگو؛

  جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسىدىن: ۋۇ شى، خۇاڭ زىچاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى