تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

سىزدە بەختنى كۆرەلەيدىغان كۆز بولسۇن

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاياللار تۇرمۇشنىڭ «سىرتقى كۆرۈنۈشى» گە ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىنىڭ مەناسى بولۇشقا موھتاج. ماددىي نەرسىلەر بەك مول بولمىسىمۇ، ئەمما مەنىۋىي جەھەتتە، ئار-ئايال ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىش بولسا، بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخت يوق. ئەينى چاغدا بىرى-بىرىگە كۆيۈشكەنلەر توي قىلالىغان بولسا بۇ ئەڭ چوڭ بەخت. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا بەخت نۇرغۇن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى بىر بەخت؛ ئۆي چوڭ بولمىسىمۇ، ھېرىپ-ئېچىپ قايتقاندا ئىسسىق ماكاننىڭ بولۇشى بىر بەخت؛ مائاش بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ئاچ-يالىڭاچ قالماسلىقنىڭ ئۆزى يەنە بەخت...
    ئايال كىشى ھەمىشە سېلىشتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. توي قىلماستا ئائىلە كېلىپ چىقىشى، چىرايى، ئوقۇش تارىخىنى سېلىشتۇرىدۇ، توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن بولسا ئېرىنى، مۈلكىنى، بالىسىنى سېلىشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا بەزى ئاياللار ھەتتا كۆڭلىنى ئاغرىتىۋالىدۇ.
    ئەينى چاغدا كۆزىگە ھەممىدىن ئىسسىق كۆرۈنگەن ئەر ھازىر كېرەكسىز ئەرگە ئايلىنىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئايال ئەينى چاغدا چىقارغان تاللىشىنىڭ توغرا-خاتالىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئەر ئۆزگەرمىدى، ئايالنىڭ نەزەرىدە ئۆزگىرىش بولدى.
    بىر ئايالنىڭ يەنە بىرى بىلەن بەختىنى سېلىشتۇرۇشى ماھىيەتتە خاتامۇ ئەمەس، مۇھىمى، سېلىشتۇرۇش نۇقتىسىنى توغرا تېپىش-تاپالماسلىقتا. ھە دېسىلا ئېرىنىڭ يېتەرسىزلىكى بىلەن باشقىلارنىڭ ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سېلىشتۇرۇش كىشىدە ئەلۋەتتە بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ.
    خاتا سېلىشتۇرۇش كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، سېلىشتۇرۇش مۇۋاپىق بولسا كىشى ئۆز تۇرمۇشىدىكى بەختنى، خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى بايقىيالايدۇ. بۇ يەردە بىز سېلىشتۇرۇشنى پۈتۈنلەي رەت قىلمايمىز، پەقەت سىزنىڭ توغرا سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇندىلا تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، رازىمەنلىك ئىچىدە ئۆتكۈسى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى