تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار بېيىش يولىغا ماڭدى

  بورتالا شەھىرىنىڭ ئارالتوقاي دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شىمالىدىن 1.3 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى ــــ ئۇلانبۇخ كەنتىدىكى نۇردۆلەت ئايتغازى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بىرنەچچە ئەمىن ئۆينىڭ سىرتقى تېمىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ، خوتۇنىنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلىنى يۇيۇشقا باشلىدى.

  بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن نۇردۆلەت ئىلگىرى چارۋىچى ئىدى. ئۇ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پوچتا ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە باشلامچى بولۇپ چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش ھۆددە ئېلىپ ئىشلەپ، يىللىق كىرىمىنى 120 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكى نۇردۆلەتكە ئەگىشىپ ئىشلەيدىغان چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىرىمىمۇ 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. نۇردۆلەت مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەردىن كۆپ مىننەتدارمىز، ئۇلار كەنتتە تۈرلۈك ماھارەت ئۆگىتىش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، بىزگە كىرىم قىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن نۇردۆلەت قۇرۇلۇش ھۆددە ئېلىپ بېيىش يولىغا ماڭغان بولسا، نامرات چارۋىچى ئادىلبېگ نۇرغالى باقمىچىلىققا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا ماڭدى. ئۇ ساياھەت نۇقتىلىرىدا قىمىز سېتىپ ۋە ساياھەتچىلەرنى ئاتلىق ئايلاندۇرۇش، سۈرەتكە تارتىش مۇلازىمىتى بىلەن پۇل تېپىپ، يىللىق كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. ئادىلبېگ نۇرغالى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىككى ئېتىم قۇلۇنلىدى، قويلىرىممۇ 20 نەچچىنى قوزىلىدى، تۇرمۇشۇم ئۈمىدكە تولدى.

  ئۇلانبۇخ كەنتىدىكى 145 چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلگىرى ئادىلبېگكە ئوخشاش كۆچمەن چارۋىچى ئىدى. خىزمەت ئەترىتى چارۋىچىلارنى ئۇششاق چارۋا مال باقمىچىلىقىدىن ئات – كالا باقمىچىلىقىغا يۈزلىنىپ، ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىپ، باقمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى يىلمۇ يىل ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى