تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھامىلىدارلار سەمىگە

    ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئانىلار دىققەت! بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا ئۇچرىغان بېسىم ھامىلە چوڭ مېڭىسىنىڭ نېرۋا ئۇلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، ھامىلە چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا بىلىش نېرۋا ئىلمى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا تەتقىقاتچىلار بۇ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

    گەرچە ئۇزۇندىن بۇيان، ئالىملار ھامىلىدارلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىسا، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسىر يېتىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ قانداق قىلىپ فۇنكسىيەلىك نېرۋا تورىنى بەرپا قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ جەريان بىلەن كەلگۈسىدە بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا مىچىگان ۋېيىن ئىشتاتلىق داشۆسىدىكى مورىيە تومسون يېتەكچىلىكىدىكى كوللېكتىپ ئىلغار بولغان ھامىلە تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلە چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەن.

    تەتقىقات گۇرۇپپىسى تىنچ ھالەتتىكى ئىقتىدار ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، 30 ھەپتىدىن 37 ھەپتىگىچە بولغان 47 ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە فۇنكسىيە ئۇلىنىش ئەھۋالىغا تەسۋىر يېيىش تەكشۈرۈشى قىلغان. بۇ ھامىلىلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئېغىر بېسىم، خامۇشلۇق ھەمدە تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرى بار ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئانىلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇچرىغان بېسىمى بالىسىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تۇتاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئىچىدە ئەكس ئېتىدىكەن، ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان ھامىلىدارلارنىڭ  ھامىلىسىنىڭ نېرۋا ئىقتىدارى سىستېمىسى تەشكىلى ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. بۇ تۇنجى قېتىم تەسۋىردە ئىپادىلەنگەن ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى بولۇپ، بۇ تەسىر تۇغۇتتىن كېيىنكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە قارىغاندا مۇستەقىل بولىدىكەن.

    تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ مېڭە ئاددى بولغان سىستېما (مەسىلەن: كۆرۈش سەزگۈسى، ھەرىكەت) دىن مۇرەككەپ يۇقىرى سىستېما تەرتىپى بويىچە تەرەققىي قىلمايدىكەن، بەلكى ئالدى بىلەن ھالقىما تەرەققىيات ئۇلىنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەڭ ئاچقۇچلۇق ساھە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كىچىك مېڭە كۆزىتىش ئېففېكتى جەريانىدا يادرولۇق رول ئوينايدىكەن، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۇرمۇش بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇنداق بولۇشى كىچىك مېڭىدىكى قەنت پوستلاق ھورمونىنى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە زىچلىقىنىڭ باشقا مېڭە رايونىنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ جىددىيلىشىش رېئاكسىيەسىگە قاتناشقانلىقىدىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى