ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىلەن شىنجاڭ گىئوقېزىلمىلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى. (سۈرەتنى ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن جاڭ كېجىڭ تەمىنلىگەن)
ئۆز خەۋىرىمىز. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى چومتاغ تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىشېڭ مەھەللە كومىتېتىدا ھەممەيلەن خۇشال جەم بولدى. ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىشېڭ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن مەھەللە كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇدى.
پائالىيەتتە، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىرلىكتە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. مەھەللە كومىتېتىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يۇلتۇزى بۇزۆھرەگۈل ئەمەت كۆپچىلىك بىلەن بىللە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ھەققىدە ئورتاقلىشىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە ياردەم قىلىپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىللە ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭ گېئوقېزىلمىلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتنى ئازايتىش بىلىملىرىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش، شۇنىڭدەك ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۇەن جاڭيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئارقىلىق كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ دوستلۇقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كادىرلىرىمىزنىڭ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ، قىيىنچىلىقىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.