تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تىز بوغۇمى ئاغرىقىنى پەسەيتىدىغان ئىككى ھەرىكەت

    تىز بوغۇمى ئاغرىش شەھەرلىكلەردە كۆپرەك ئۇچرايدىغان كېسەللىك. ئۇزۇن ئولتۇرۇش، تېنى ئاجىزلاش، زىيادە ھەرىكەت قىلىشمۇ تىز بوغۇمى ئاغرىقىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تىز بوغۇمى ئاغرىقى تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ياپونىيەلىك فىزىكىلىق داۋالاش ئۇستىسى ساكاۋا ئوسىگى مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى، تۆۋەندە بۇ ئۇسۇللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

    تىز ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بوغۇملارنى تۇتاشتۇرىدىغان يوتا مۇسكۇلىنى، يەنى يوتا ئارقا يان تەرىپىدىكى مۇسكۇللار توپى-تېقىم مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. ئادەم بەدىنى تىزدا ھەرىكەت قىلغان چاغدا، بۇ يەردىكى مۇسكۇلدىن پايدىلىنىدۇ، تېقىم مۇسكۇلى چېكىنىپ، ئاجىزلىشىپ كەتسە، تىزنىڭ ھەرىكىتى جانلىق بولماي، تىز ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تېقىم مۇسكۇلى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا كۈچلۈك تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. تېقىم مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ «شەكىل ئۆزگىرىشچانلىق تىز بوغۇمى كېسەللىكى»، «ئاستا خاراكتېرلىك تىز ئاغرىقى»، «يول ماڭغاندا تىز ئاغرىش» قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىشكە ياردىمى بار.

    تېقىم مۇسكۇلىنى  چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئورۇندۇق، ياتقىلى بولىدىغان بىر بوشلۇق بولسىلا كۇپايە.

    بىرىنچى، ئىككى پۇتنى ئېچىپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمىز، ئوڭ پۇتىمىزنى ئىچىگە ئېگىپ، تىزىمىزنى كۆتۈرمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئوڭ پۇتىمىزنىڭ ئۇچىنى ئامال بار ئۈستىگە كۆتۈرىمىز، يوتا ئىچكى تەرەپ مۇسكۇلىنىڭ چىڭىغانلىقىنى ھېس قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى 10 سېكۇنت ئەتراپىدا ئىشلەپ بەدەننى ئەسلىگە قايتۇرىمىز ھەم ئۇدا ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە تەكرارلايمىز، ئاندىن سول پۇتىمىزغا ئالماشتۇرۇپ يۇقىرىقى ھەرىكەتنى تەكرارلايمىز.

    ئىككىنچى، يەر يۈزىدە ياكى كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى پۇتىمىزنى ئاچىمىز، ئوڭ پۇتىمىزنى سولغا قارىتىپ ئۆرۈپ، ئوڭ پۇت باش بارمىقىنى يەر يۈزىگە تەككۈزۈشكە تىرىشىمىز. ئوڭ قولىمىزنى توغر يۆنىلىشتە ئاچىمىز، جەينەك بىلەن يەر يۈزىگە تايىنىپ، ئوڭ تەرەپ ساغرىمىزنى كۆتۈرىمىز، يوتا ئارقا يان مۇسكۇلىنىڭ چىڭىغانلىقىنى ھېس قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى 10 سېكۇنت ئەتراپىدا ئىشلەپ بەدەننى ئەسلىگە قايتۇرىمىز ھەم ئۇدا ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە تەكرارلايمىز، ئاندىن سول پۇتىمىزدىمۇ يۇقىرىقى ھەرىكەتنى تەكرارلايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى