تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

گۇئارديولا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ «يىللىق ئەڭ ياخشى تىرېنېر» شەرىپىگە ئېرىشتى

  جىبوبا 5-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى: ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى تىرېنېرلىرى جەمئىيىتى ئورگان تەرەپ گۇئارديولانىڭ «يىللىق ئەڭ ياخشى تىرېنېر» بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ ئەڭ ياخشى تىرېنېر نامزاتىغا ئالتە نەپەر تىرېنېرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇلار گۇئارديولا (مانچىستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى)، كلوپ (لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى)، بېنىتېز (نيۇۋكاستېل كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى)، دېيىچ (بارىنلىي كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى)، خوجگېسون (خىرۇستال ساراي كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى) ۋە ھىيوتتون (بلايتون كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى).

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە پەسلىدە گۇئارديولانىڭ كوماندىسى مانچىستېر شەھىرى 100 نومۇرلۇق جۇغلانما نومۇر نەتىجە بىلەن 2017\2018-يىللىق ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى ۋە بۇ مۇسابىقىنىڭ كۆپ تۈرلىرىدە يېڭى رېكورت ياراتتى.

  ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى تىرېنېرىنى بىرلەشمە مۇسابىقە جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي باھالىغۇچىلىرى ۋە مەستانىلەر بىلەت تاشلاش ئارقىلىق تاللاپ چىقىلىدۇ، گۇئارديولا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى تاللانغان ئىسپانىيەلىك ئەڭ ياخشى تىرېنېر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى