تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

خاتىرە سۈرىتىدىكى بۈيۈك دوستلۇق

  تەھرىر ئىلاۋىسى: 5-ئاي، ئىللىق قۇياش ئالتۇندەك  نۇرىنى ئەتراپقا سېخىيلىق بىلەن چاچقان، ھەر خىل گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، بارچە مەۋجۇدات ئويغانغان ياخشى پەسىلدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بەختلىك مىنۇتلارنى خاتىرىلەپ، ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ تىنچلىق مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ۋاڭ گوزې دائىم دېگۈدەك قوشماقلاشقان تۇغقىنى پاتىگۈل ھەبىبۇللانى يوقلاپ تۇرىدۇ. ۋاڭ گوزې مۇنداق دېدى: چوڭ ئاپاش ياشىنىپ قالدى، مەنمۇ ئۇنىڭ نەۋرىسىگە ئوخشاش، پات-پات ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىمەن، چوڭ ئاپاشنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (قاراماي شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ تىنچلىق مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن خۇاڭ خۇاۋېي تەمىنلىگەن)

  5-ئاينىڭ 11-كۈنى، قاراماي شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بېيدۇ شىنيۆ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى خىزمەت ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق ئەترەت باشلىقى گو جيەنخۇي تۇغقىنى بىلەن بىللە گېزىت ئوقۇپ، ھەر كۈنلۈك يېڭى خەۋەرلەردىن، شۇنىڭدەك قاراماينىڭ ھەر كۈنلۈك تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولماقتا. (قاراماي شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بېيدۇ شىنيۆ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن جياۋ پىڭ تەمىنلىگەن)

  قول تۇتۇشۇپ، يېقىملىق مۇزىكا رىتىمىغا جۆر بولۇپ، جۇشقۇن ئۇسسۇللىرىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئېچىلدۇرايلى. (قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق سياسىي كېڭەشنىڭ بىشۈي خۇايۇەن مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن كۇاڭ شۆيىڭ تەمىنلىگەن)

  قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى جىشياڭيۇەن مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى لۇ شىنيى تۇغقىنى رەناگۈل ئەكبەرنىڭ قىزىغا ھېكايە ئېيتىپ بەرمەكتە. قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈلكە سادالىرى ئىچىدە بارغانچە كۈچەيمەكتە. (قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق بازار نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ جىشياڭيۇەن مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى خىزمەت ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەتچىسى چىن چېن تەمىنلىگەن)

  قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق تىيانشان يولى كوچىسى باشقارمىسى يۇبېي مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى خۇ شيۇلى تۇغقىنى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ئۇلار قوشماقلاشقان ئاچا-سىڭىل، پاراڭلىرىدىن دوستلارغىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ، ئاچىسى ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى، مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى سىڭلىسىغا سۆزلەپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تېخى بەزى چاغلاردا سىڭلىسىنىڭ مۇھەببەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ يول كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدىغان «مەخپىي» گەپلىرى بار. (قاراماي شەھەرلىك ئادەم كۈچى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ يۇبېي مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن ما تاۋ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى