تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

5-نۆۋەتلىك چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەردىن بىرلەشمە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئەتىيازلىق مەخسۇس پائالىيىتى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

  ‏ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە 5-نۆۋەتلىك چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەردىن بىرلەشمە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئەتىيازلىق مەخسۇس پائالىيىتى (قىسقارتىلىپ «ئەتىيازلىق پائالىيەت» دېيىلىدۇ) نى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدىكەن. مەملىكەتتىكى 300 دىن ئارتۇق ئورۇن 5-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  5-ئاينىڭ 19-كۈنى «شىنجاڭ بېكىتى» نىڭ تۇنجى مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى بولۇپ، جەمئىي 300 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە شىنجاڭدىن بولۇپ 300 (شىنجاڭدىكى يەرلىك ئورۇندىن 200ى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئورۇندىن 100ى) دىن ئارتۇق ئورۇن تەخمىنەن 6000 ئىش ئورنى تەمىنلەپ، 10 مىڭغا يېقىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا 5-ئاينىڭ 20-كۈنى «شىنجاڭ بېكىتى» نىڭ 2-مەيدان نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «ئەتىيازلىق پائالىيەت» زامانىۋى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى ئىلگىرى پۈتكۈزگەنلەر ۋە بۇ يىل پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ھەممىسى قاتناشسا بولىدىكەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر نەق مەيداندىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندىن سىرت، جۇڭگو ئىختىساسلىقلار تورى (www.newjobs.com.cn) غا چىقىپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ، توردا خىزمەت ئىزدىسە بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور بەتنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرگە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق ھەقسىز باھالاش ۋە دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى