تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پوسكام ناھىيەسىدە ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

5-ئاينىڭ 14-كۈنى، سەيلى يېزىسىنىڭ سىرىق قۇلاق كەنتىدىكى ئاياللار كەنتتە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى گىلەمچىلىك كارخانسىدا گىلەم توقۇماقتا.

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام  ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى كارخانىلار ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن «1000 كارخانا 1000 كەنتكە ياردەم بېرىش» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، 10 مىڭ ئادەمنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئالدىن زاكازلىق تەربىيەلەپ، خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. مۇخبىرنىڭ پوسكام ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە،ناھىيە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 1-پەسىلدە ناھىيە بويىچە 5000غا يېقىن ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى