تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قەھۋەنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

    بۈگۈنكى كۈندە  قەھۋە ئىچىش مودىغا ئايلاندى. قەھۋە ئىچىش مودا ئىش بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق، تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمىز:

    بىرىنچى، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. «جەنۇب خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەھۋە تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا خلورو ئورتو كىسلاتاسى تېرىنى قېرىتىۋېتىدىغان ئەركىن رادىكالنى تازىلاپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. ئىسسىق ياز كۈنلىرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرى بىلەن سىرتقى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ بەلگىلىك ئوكسىدلاش رولى بولغاچقا، تېرىنى غىدىقلاپ، قېرىشىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ.  يازدا قەھۋە ئىچكەندە ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولىدۇ، چۈنكى  قەھۋە تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا خلورو ئورتو كىسلاتاسى ئاپتاپنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قوشۇمچە قورال رولىنى ئۆتەپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرى بىلەن سىرتقى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ تېرىگە بولغان زەخمىسىنى ئازايتىدۇ. 

     ئىككىنچى، جىگەر راكى بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار قەھۋە ئىچىش بىلەن جىگەر راكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان، بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ بەزى تەتقىقاتلىرىدا قەھۋە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ، دېيىلگەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈنىگە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %20 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %35  تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

    ئۈچىنچى، ماينى سېرىپ، ئورۇقلىتىدۇ. «بېيجىڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېنىقىشتىن ئىلگىرى ئازراق قەھۋە ئىچىپ بەرسە، ھەرىكەت نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسسىقلىقنى خورىتىپ، ماينى سېرىيدىكەن. كوففېئىن مۇسكۇللارنىڭ ماينى سېرىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىسسىقلىقنى خورىتىپ، ئورۇقلىتىدىكەن. 

    تۆتىنچى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ مېڭىدىكى بېسىم ھورمونى ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەھۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

    بىراق، «بېيجىڭ گېزىتى» نىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، كۈندىلىك كوففېئىننىڭ بىخەتەرلىك چېكى 400  مىللىگىرام بولۇپ، بۇ تۆت ئىستاكان قەھۋەگە باراۋەر كېلىدىكەن. شۇڭا قەھۋە ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاچكۆزلۈك قىلىپ جىق ئىچىۋېلىشقا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى