تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن – تېخنىكا تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى

  2018 – يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ شانلىق داستانىنى پۈتتى.

  جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى گۇاڭدۇڭدا، يەنى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ باھار دولقۇنى ئەڭ بۇرۇن كۆتۈرۈلگەن مۇنبەت زېمىندا ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى››نى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان ‹‹بېرىش، ياخشىلاش، ئۆزگەرتىش›› زىيارەت پائالىيىتىنى باشلاپ، مەركەز ۋە ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى تاراتقۇلارنىڭ 40 نەچچە مۇھەررىر، مۇخبىرىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى گۇاڭجوۋ، شېنجېن، جۇخەي قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى. شىنجاڭ گېزىتىدە بۈگۈندىن باشلاپ ‹‹چۈنشيا نەزىرىدىكى باھار دولقۇنى›› ناملىق سەھىپە ئېچىلىپ، يۇغۇرما تاراتقۇ ئۇسۇلىدا ئوقۇرمەنلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنى بىلەن تونۇشۇشقا يېتەكلىنىدۇ، بۇ شەھەرلەردىكى 40 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى زور ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىنىدۇ، ۋاقىپ بولغايسىلەر.

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا 5 – ئايدىكى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ماڭگو دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا مۇشتۇمدەك ماڭگولار تازا چۈشكەنىدى.

  بەش سائەتتىن كۆپرەك ئۇچۇپ، 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى سائەت 16 لەر ئەتراپىدا ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى گۇاڭجوۋغا كەلدىم. بىر كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆردۈم.

  ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن، ئايرودۇرۇم زالىدا لىفىتقا ئولتۇرۇپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ، يۇمىلاق شەكىللىك بوشلۇق تونېلىدىن كېسىپ ئۆتۈپلا مېترو بېكىتىگە كەلدىم. بوشلۇق تونېلى گۇاڭجوۋ بەييۈن ئايرودۇرۇمى 2016 – يىلى سالغان يۇغۇرما تاراتقۇ ئەندىزىسىدىكى چوڭ تىپتىكى سەنئەتلىك سىناق بوشلۇقى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئايرودۇرۇملار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ بوشلۇق تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 نەچچە مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىدە ‹‹بۇلۇت +›› ئۇقۇمى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ‹‹بۇلۇت›› ئاساسىي ئامىل قىلىنغان، يۇمىلاق چىراغلار ئاپتوماتىك لىفىتنى چۆرىدەپ ئورنىتىلغان بولۇپ، بېشىڭىز ئۈستىدە ‹‹بۇلۇت››لار لەيلەپ تۇرىدىكەن، ئايروپىلانلار ‹‹بوشلۇق››تا پەرۋاز قىلىپ تۇرىدىكەن. ‹‹بوشلۇق تونېلى››دىكى ئاپتوماتىك لىفىتنىڭ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، ئارقىڭىزدا قالغان چىراغلارغا قاراپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەش سائەتتە نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق يولنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىڭىزنى ئويلىغىنىڭىزدا، ھەقىقەتەن بوشلۇقنى كېسىپ ئۆتكەندەك تۇيغۇغا كېلىدىكەنسىز.

  گۇاڭجوۋنىڭ مېترو قاتنىشى تەرەپ – تەرەپكە تۇتاشقان. گۇاڭجوۋدا ھازىر 13 مېترو تىرانسپورت لىنىيەسى بار بولۇپ، تىرانسپورت مۇساپىسى 391 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بىر كۈنلۈك ئەڭ كۆپ يولۇچى توشۇش مىقدارى 10 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشىدۇ. مېترونىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئالدىدا پارچە پۇل يوقلۇقىدىن غەم قىلىپ تۇرغىنىمدا، بېلەت سېتىش ماشىنىسىدا ئىككىلىك كود بارلىقىغا كۆزۈم چۈشتى، يان تەرەپتە تۇرغان خىزمەتچى خادىمنىڭ قىزغىن ياردىمىدە مەن يان تېلېفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، گۇاڭجوۋ مېترو قاتنىشىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ APPسىنى چۈشۈردۈم، يان تېلېفونۇمدا سىكاننېرلاپ بېكەتكە كىرىش ۋە بېكەتتىن چىقىش ئىككىلىك كودى پەيدا بولدى. مېترونىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ‹‹بۇلۇت توسۇقى››دا سىكاننېرلاپلا مېترو بېكىتىگە كىرەلىدىم، بېكەتتىن چىقىشتىمۇ مۇشۇنداق قىلسام بولىدىكەن، سىكاننېرلىغاندىن كېيىن، ئۈندىداردا ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇپ قېلىنىدىكەن. كېيىن بۇ ‹‹بۇلۇت توسۇقى››نىڭ گۇاڭجوۋنىڭ مېترو قاتنىشىدا ئىشلىتىلگەنلىكىگە تېخى بىر يىل بولمىغانلىقىنى ئىگىلىدىم. بۇنىڭدىن باشقا، گۇاڭجوۋنىڭ مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يەنە ‹‹بۇلۇت بېلەت سېتىش ماشىنىسى›› بولۇپ، چىقىمدان، ئۈندىدار ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. بۇ يەردە يۇقىرى پەن – تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، چەكسىز قولايلىق ئېلىپ كەپتۇ.

  كەچتە يەنە بىر قېتىم سىكاننېرلاپ مېتروغا ئولتۇرۇپ، ‹‹تال چىۋىقتەك بەل››نىڭ جەلپكارلىقىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن ماڭدىم. كىشىلەر گۇاڭجوۋ مۇنارىنى ‹‹تال چىۋىقتەك بەل›› دەپ ئاتىشىدىكەن، گۇاڭجوۋ مۇنارى ئوتتۇرا قىسمىنىڭ تال چىۋىقتەك ئىنچىكىلىكى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 600 مېتىر كېلىدۇ، جۇڭگو بويىچە 1 – ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 3 – ئورۇندا تۇرىدىغان ساياھەت مۇنارى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ گۇاڭجوۋدىكى سىمۋوللۇق ئىمارەت بولۇپ، ‹‹يانتۇ، ئېگىز، تولغىماچ، ياپىلاق، تەشمە نەقىشلىك›› بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا 30 نەچچە تۈرلۈك بىناكارلىق چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇنار ساياھەت مۇنارى بولۇپلا قالماي، يەنە ئېگىز بوشلۇقتا كۆڭۈل ئېچىش، غىزالىنىش، كىنو كۆرۈش، مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىقتىدارنى ھازىرلىغان. تۈن پەردىسى يېيىلغاندىن كېيىن، ‹‹تال چىۋىقتەك بەل›› رەڭگارەڭ نۇر چېچىشقا باشلىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە بەس – بەستە سۈرەتكە تارتىشتى. مۇناردىكى ئېكراندا ‹‹گۇاڭدۇڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، نېگىزلىكى يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىش كېرەك›› دېگەن خەتلەر ھەرىكەتچان ھالەتتە كۆرسىتىلىپ، كىشىنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

  كەلگۈسىدىكى ‹‹بۇلۇت دەۋرى›› بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بوشلۇق تونېلى، سىكاننېرلاپ ئولتۇرىدىغان مېترو، قولايلىق ۋە تېز قاتناش يول تورى، پەن – تېخنىكا، كۈچ – قۇدرەت ۋە سەنئەت مۇكەممەل بىرگەۋدىلەشكەن ‹‹تال چىۋىقتەك بەل››، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى پەن – تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى گۇاڭجوۋدىن ئىبارەت بۇ شەھەرگە چەكسىز سېھرىي كۈچ بەخش ئەتكەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى