تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چېڭدو ناھىيەسىدە زور تۈركۈم قىيا تاش رەسىملىرى ‏بايقالدى

تەكشۈرۈش خادىمى چېڭدو ناھىيەسى چېڭۋېن بازىرى بەيلۇڭ كەنتىدە بايقالغان قىيا تاش رەسىملىرى خارابىسىنى تەكشۈرمەكتە. (5-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)

    شىنخۇا تورى خەۋىرى. چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى چېڭدو ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى خىزمەتچى خادىم يېقىندا ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوخشاشمىغان جايلاردا يېڭىدىن نەچچە يۈز قىيا تاش رەسىمىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېيتتى. ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى بۇ قىيا تاش رەسىملىرى تاغ يانباغرىدىكى پەلەمپەي شەكىللىك يەردە ساقلانغان بولۇپ، رەسىملەردە بۇغا، قوتاز قاتارلىق ھايۋاناتلار ئوبرازى، شۇنداقلا ئادەم ئوبرازى ۋە بەلگىلەرنى غۇۋا كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو قىيا تاش رەسىملىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو خەلق داشۆسى تارىخ شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋېي جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى بىرقەدەر ئۇزۇن، بەزىلىرىنى بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىت ئەتراپىدىن سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، بۇلار ئېلىمىزنىڭ تۇڭتيەنخې دەرياسى ۋادىسىدىكى ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى