ئۆز خەۋىرىمىز: 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ۋە ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماھارىتى مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدە باشلاندى. ئالدىنقى باسقۇچلۇق تاللاش ئارقىلىق ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ماھىرلىرى سەھنىگە چىقىپ، ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.
مۇسابىقە ساياھەت يېتەكچىلىرى گۇرۇپپىسى ۋە مەنزىرە رايونى چۈشەندۈرگۈچىلىرى گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مۇسابىقە مەزمۇنى مەدەنىيەت بىلىملىرى سىنىقى، مەنزىرە نۇقتىسىنى تونۇشتۇرۇش، تەييارلىقسىز نۇتۇق سۆزلەش، سەنئەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 2018-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» بويىچە ئۈرۈمچى رايونىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن. مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ بىلىم ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، مەنزىرە رايونى چۈشەندۈرگۈچىسى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەدەنىي ۋە ئىناق ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەت يېتەكچىلىرى گۇرۇپپىسى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونى چۈشەندۈرگۈچىلىرى گۇرۇپپىسىدىن ھەر بىر گۇرۇپپىدىن 1-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىدىن بىرى، 2-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىدىن ئۈچى، 3-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىدىن بەشى سايلاپ چىقىلىدۇ. 1-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەن، 2-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەر بىرىگە 2000 يۈەن، 3-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.