دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشتا دورىغىلا تايانماسلىق كېرەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالىغاندا ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، قان شېكىرىنىڭ تۇراقلىق ھالىتى ئۇزۇن مەزگىل ساقلىنىپ، دىيابېت كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى ئاستىلاپ، تۈرلۈك جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكى دوختۇرى ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: دىيابېتلارنىڭ دالا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋاقتىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ، قاچان سىرتقا چىقىشنى خالىسا شۇ چاغدا چىقسا بولمايدۇ، بولمىسا قان شېكىرى تۆۋەنلەش خەۋپى كۆرۈلىدۇ.
ۋاڭ فاڭ دىيابېت دوستلارنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئاچ قورساق سىرتتا ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ، تاماق يەپ بولۇپ بىر، ئىككى سائەتتىن كېيىن ھەرىكەت قىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ؛ سىرتقا چىقىپ ئەتىگەنلىك چېنىققاندا، ھاۋارايىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەتىگەن-كەچلىك تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاندا، تۇمانلىق ھاۋارايى ۋە ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولغاندا سىرتقا چىقىشتا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك؛ ئەتتىگەن سائەت سەككىز، توققۇزدا سىرتتا ھەرىكەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق، بولۇپمۇ قۇياش چىققاندىن كېيىن سىرتتا ھەرىكەت قىلىش ئەڭ پايدىلىق بولىدۇ».