5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ما جۇڭشيەن ئەر-ئايال ئىككىيلەن تۇغقىنى جاڭىلقان مۇسىمقان بىلەن بىللە گۈل تىكمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى ۋېنخۇڭ، يې تاۋ خەۋىرى، فوتوسى: ساۋەن يېزا سودا بانكىسىنىڭ 70 نەچچە كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىسى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىكىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يۇرت-ماكاننى كۆكەرتىش پائالىيىتىدە چىغىرتماق، چوغلۇق قاتارلىق ئالتە خىلدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق گۈل تىكىلگەن. پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماي، يۇرت-ماكاننى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرگەن، شۇنداقلا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتقان.