تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگودىن كەلگەن «بېيىش يولى»

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى. جەنۇبىي ئافرىقىدا، «تىمساھ دەرياسى» دەپ ئاتىلىدىغان لىمپوپو دەرياسى موزامبېكتىكى گازا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى كياكسايدا ھىندى ئوكيانغا قويۇلىدۇ، زۇمرەتتەك كۈچلۈك دولقۇنلار ئۇزۇن يىللار مابەينىدە بىپايان ئافرىقا زېمىنىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلدى. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئاغزىدىن «ۋەنباۋ»(万宝) دېگەن خەنزۇچە گەپنى چۈشۈرمەيدۇ.  «ۋەنباۋ» موزامبېك يېزا ئىگىلىك باغچىسى تۈرى نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى كۆلەملىك شال تۈرى، شۇنداقلا جۇڭگو-موزامبېك ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق تۈرنىڭ بىرى بولۇپ، شال تېرىش، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنىش، 20 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەرنى ئېچىش، يەرلىك دېھقانلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى 80 مىڭ گېكتار يەرگە شال تېرىشقا تۈرتكە بولۇش، شۇ ئارقىلىق 100 مىڭ گېكتار تېرىقچىلىق كۆلىمىنى شەكىللەندۈرۈش پىلانلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى