بازارادا مېۋە ئېتى قىزىل، يېشىل ۋە سېرىق مايمۇن شاپتۇللىرىنى ئۇچرىتىمىز. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئېتى يېشىل ۋە سېرىق مايمۇن شاپتۇلىغا قارىغاندا، ئېتى قىزىل مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە فۇران كاربوكسىل كىسلاتا تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.
چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، ئېتى قىزىل مايمۇن شاپتۇلى تېخىمۇ تاتلىق بولۇپ، تاتلىقنى ياخشى كۆرىدىغان، چۈچۈمەل تەمنى ياخشى كۆرمەيدىغان دوستلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېتى قىزىل مايمۇن شاپتۇلىنىڭ يېمەكلىك تالا مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، قەۋزىيەت بولغانلارغا ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئېتى يېشىل مايمۇن شاپتۇلىنىڭكىدىن يۇقىرى، فىلاۋون مىقدارى باشقا ئىككى خىل رەڭدىكى مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر، شۇڭا ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.
ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى، مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى ئاقسىل ئېنزىمى ئېغىز بوشلۇقى تېرىسىنى ئاسانلا غىدىقلاپ، ئۇيۇشۇش، ھەتتا گال ئىششىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە پىشمىغان، كۆك، قىرتاق مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە ئاقسىل ئېنزىمى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا پىشقان مايمۇن شاپتۇلى يېيىش تەكلىپىنى بېرىمىز.
«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش قوللانمىسى» دا قۇرامىغا يەتكەنلەرگە كۈنىگە 200-350 گىرامغىچە مېۋە يېيىش تەكلىپى بېرىلگەن، بىر تال مايمۇن شاپتۇلى 100-170 گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ، شۇڭا باشقا مېۋىلەرنى يېمەي مايمۇن شاپتۇلىنىلا يېمەكچى بولغانلار كۈنىگە 2-3 تال يېسىلا بولىدىكەن.