تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 2 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ھەم 4 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەۋەتكەن خېتى يەتكۈزۈلدى ھەم ئۆگىنىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 2 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ھەم 4 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەۋەتكەن خېتىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 2 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى، بولۇپمۇ مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ سەرخىل، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ۋېنچۈەندە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا ئالەمشۇمۇل زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ زور ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا ۋېنچۈەنگە بېرىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىدىن ھال سورىدى، ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى پەيتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەنە ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 4 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا خەت ئەۋەتكەنلىكى باش شۇجىنىڭ خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنى سۆيۈشتەك ئالىيجاناب خىسلىتىنى، باش شۇجىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپەتنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش بىلەن دائىمىي بولمىغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى پاناھلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئاپەتتىن بۇرۇنقى مۇداپىئەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگىرىش، يەككە ئاپەت تۈرىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئۇنىۋېرسال ئاپەتنى يېنىكلىتىشكە ئۆزگىرىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشتىن ئاپەت خەۋپ – خەتىرىنى يېنىكلىتىشكە ئۆزگىرىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، كۈچنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.