تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسى 288 مىڭ يېن بولۇشى مۇمكىن

  ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئويلاشقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسى 288 مىڭ يېن (تەخمىنەن 17 مىڭ يۈەن) بولغان. مۇسابىقە ئىشلىرى جەھەتتە، يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسى 108 مىڭ يېن (6246 يۈەن) بولغان.

  مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەھەتتە، ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسى 144 مىڭ 100 يېن (8334 يۈەن) بولغان. مۇسابىقە تۈرلىرى ئىچىدە يېنىك ئاتلېتىكا ۋە سۇ ئۈزۈش تۈرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسى 6500 يېن (376 يۈەن) بولغان. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بېلەت باھاسى توغرىسىدا يەنە داۋاملىق مۇزاكىرىلىشىدىكەن.

  كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىىمنىڭ ئەڭ قىممەت بېلەت باھاسى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ قىممەت بېلەت باھاسى بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىدۇ، توكيو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ قىممەت بېلەت باھاسى لوندون مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە رىئودې ژانېيرو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ قىممەت بېلەت باھاسىدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ، دېيىلگەن.

  خەۋەردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ بېلەت باھاسى 2000 يېن (116 يۈەن) ۋە 1000 يېن (58 يۈەن) دىن باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتى كېلەر يىلىدىن باشلاپ سېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى