تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىنى دەل توغرا ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

    شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭى يولىدا مېڭىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيادا ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللار كۆپەيدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت. بىز خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى دەل توغرا ئىگىلەپ، ھەم جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ھەم ئىلگىرىلەش يولىمىزدا دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارنى كۆرۈپ يېتىپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ – چوڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ – خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بىزنىڭ كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە تەرەققىي قىلىپ، ھەقىقىي خەلقئارا ھەمكارلىققا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق مەنزىلىنى پىلانلاپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، كېڭىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا يىراقنى كۆزلەپ پۇختا قەدەم بېسىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەرلىكنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت تاشقى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تاشقى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىكنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە يەرلىكنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى نىشانلىق، قەدەم – باسقۇچلۇق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى خىزمەت تۈزۈلمە – مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا ‹‹مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى›› قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.