تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۇنيا لوڭقىسى قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسى تۆت ئالتۇن مېدال ئالدى، ئىككى مۇسابىقە تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: 2018-يىللىق خەلقئارالىق قارىغا ئېتىش بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ نېينبۇرگ بېكىتىدىكى مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىدا ئاخىرلاشتى. ئېلىمىز قارىغا ئېتىش كوماندىسى تۆت ئالتۇن مېدال، بەش كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدال بولۇپ، جەمئىي 12 مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدالغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كوماندا بولدى، بۇنىڭدا ئاياللار يەل مىلتىقتا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش تۈرىدە ئېلىمىز ئايال ماھىرلىرى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ تۈرنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى ۋە ئۆسمۈرلەر سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە جۇ يىڭجې دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، جاۋ روجۇ ۋە ياڭ خاۋرەنلەر قىز-ئوغۇللار ئارىلاش گۇرۇپپىنىڭ يەل مىلتىقتا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقە تۈرى سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى. گىرېتسىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، بۇلغارىيە، كرودىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت بىردىن ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، قالغان 12 دۆلەتمۇ باشقا مېداللارغا ئېرىشتى.

  نېينبۇرگ بېكىتى بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى بېكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، 53 دۆلەت ۋە رايوندىن جەمئىي 352 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى، بۇ بېكەتتىكى مۇسابىقىگە ئېلىمىز قارىغا ئېتىش كوماندىسىدىن 22 ماھىر قاتناشتى. 10 ئولىمپىك مۇسابىقە تۈرىدىن سىرت، يەنە تۆت مەيدان مۇسابىقە بولۇپ، ھەممىسى ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ مۇسابىقىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەرلەر يەل مىلتىقتا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى، ئاياللار يەل مىلتىقتا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش  مۇسابىقىسى، ئەرلەر يەل تاپانچىدا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى، ئاياللار يەل تاپانچىدا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى. بۇ تۆت مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە 2018-يىللىق بۇئېنوس ئايرېس يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان سەككىز ماھىر تاللىنىپ چىقىدۇ.

  ئاياللار  يەل مىلتىقتا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە جۇ يىڭجې 633.4 نەتىجىدە سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ رېكورتىنى ۋە دۇنيا ياشلار رېكورتىنى يېڭىلىدى، ۋۇ مىڭياڭ ۋە جاۋ روجۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى ۋە ئالتىنچى بولدى، ئۈچ ئايال ماھىرىمىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئايال ماھىرىمىز ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، يەنى، ۋۇ مىڭياڭ 252.2 نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى، جۇ يىڭجې 251.8 نەتىجىدە كۈمۈش مېدالنى، جاۋ روجۇ 230.2 نەتىجىدە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز كوماندىسى بۇ تۈرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئەرلەر يەل مىلتىقدا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋۇ جيايۈ 241.2 نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى، ۋاڭ مىڭيى 241.0 نەتىجىدە كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى، ئىسپانىيەلىك ماھىر كارېرا مىس مېدالغا ئېرىشتى. يەنە بىر ماھىرىمىز ياڭ ۋىي سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىن چىقالمىدى، ئۇنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى 578 بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشكە پەقەت بىرلا نومۇر كەملەپ قالدى.

  لىن جۈنمىن بىلەن ياۋ جاۋنەن يەل تاپانچىدا 25 مېتىرغا قارىغا ئېتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ۋە كۈمۈش مېدال ئالدى، 21 ياشلىق لىن جۈنمىن 30 ھالقىغا تەگكۈزۈشتەك نەتىجىدە چېمپىيون بولدى، 22 ياشلىق ياۋ جاۋنەن 28 ھالقىغا تەگكۈزۈشتەك نەتىجىدە كۈمۈش مېدال ئالدى، فىرانسىيەلىك ماھىر ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

  يەل مىلتىقدا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش ئەر-ئاياللار ئارىلاش گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسى ئالتۇن، كۈمۈش مېدال ئالدى، ۋۇ مىڭياڭ، ياۋ يۈنسۇڭلاردىن تەشكىللەنگەن ئېلىمىز بىرىنچى كوماندىسى 497.7 نەتىجىدە ئالتۇن مېدالغا، جاۋ روجۇ، ياڭ خاۋرەندىن تەشكىللەنگەن كوماندىلار گەرچە 2.0 نەتىجە پەرقى بىلەن ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى، بىراق، ئىككەيلەن سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 842.0 نەتىجىدە بۇ تۈرنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىكى دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى. گېرمانىيە بىرىنچى كوماندىسى مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  ئەرلەر  يەل مىلتىقتا ئۈچ خىل ھالەتتە 50 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە ۋېنگىرىيەلىك ماھىر ئالتۇن مېدالغا، دانىيەلىك ماھىر كۈمۈش مېدالغا، ئېلىمىز ماھىرى ياڭ خاۋرەن مىس مېدالغا ئېرىشتى. يەنە بىر ئېلىمىز ماھىرى خې دىڭخۇا سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 21-ئورۇنغا تىزىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمىدى.

  45 ياشلىق بۇلغارىيەلىك ماھىر گىروزدېۋ يەنە يەل تاپانچىدا 25 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى مەيدانىدا پەيدا بولغان، بۇ ئۇنىڭ 94-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، بۇ ئۇنىڭ 25 يىللىق مۇسابىقە ھاياتىدىكى قولغا كەلتۈرگەن 14-ئالتۇن مېدالى. سېربىيە كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا، گىرېتسىيە كوماندىسى مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئېلىمىز كوماندىسىدىن جاڭ مىڭشۆ يەتتىنچى بولدى.

  ئەرلەر  يەل مىلتىقتا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەلىك ماھىر چېمپىيون بولدى، فىنلاندىيەلىك ماھىر كۈمۈش مېدال، ۋېنگىرىيەلىك ماھىر كۈمۈش مېدال ئالدى. ياۋ يۈنسۇڭ 163.2 نەتىجىدە ئالتىنچى بولدى. قالغان ئىككى ماھىر ياڭ خاۋرەن بىلەن خې دىڭخۇا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىدى.

  ئاياللار يەل تاپانچىدا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرى جى شياۋجىڭ 199.0 نەتىجىدە تۆتىنچى بولدى.

  ئاياللار يەل مىلىقتا 50 مېتىرغا  ئۈچ خىل ھالەتتە قارىغا ئېتىش مۇسابىقە تۈرىدە ئېلىمىز ماھىرى جياڭ تىڭ بىلەن ۋاڭ زېرۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بولدى.

  ئەر-ئاياللار ئارىلاش ھالدا يەل تاپانچىدا 10 مېتىرغا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە ۋۇ جيايۈ ۋە جى شياۋجىڭدىن تەشكىللەنگەن بىرىنچى كوماندا، ۋاڭ مىڭيى ۋە ساۋ لىجيادىن تەشكىللەنگەن ئىككىنچى كوماندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8-، 11-لىكنى قولغا كەلتۈرۈپ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىن چىقالمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى