تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو كىتابلىرى پراگا خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە ئالقىشقا ئېرىشتى

بىر ئوقۇرمەن جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكىگە دائىر كىتابنى كۆرمەكتە.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 24-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى ۋە ئەدەبىيات بايرىمى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە چېخ پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان جۇڭگو كىتابلىرى يەرلىك ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

   بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە جەمئىي 22 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 404 ئالاقىدار كارخانا قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگو كىتابلىرىنى جۇڭگو كىتاب سودىسى چەكلىك شىركىتى تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قويدى. جۇڭگو كىتاب سودىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى خۇاڭ يۈلۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئاساسلىقى ئېنگىلىزچە ۋە نېمىسچە كىتابلار بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات تۈرى، مەدەنىيەت سەنئەت تۈرى، خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش تۈرى، بالىلار، تاماق ئېتىش تۈرى، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش تۈرىدىكى كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

   مۇخبىر كۆرگەزمە سۇپىسىدا خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، نېمىسچە ۋە چېخچە «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى كۆردى، خۇاڭ يۈلۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەسىرى چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، يەرلىك بىر ئوقۇرمەن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ بارلىق تەرجىمە نۇسخىلىرىنى سېتىۋالدى. بۇ ئوقۇرمەن ‹مەن ھازىر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇۋاتىمەن› دېدى. بۇ كىتاب ئارقىلىق، ئۇ ھازىرقى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدۇ. ئۇ چېخ يېزىقىدىكى 1-توم نەشىرنى ئوقۇغانكەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا چېخ يېزىقىدىكى 2-توم نەشىرى يېقىندا چىقىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭغا بەكمۇ ئىنتىزار بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ ئېنگىلىزتىلى ۋە نېمىس تىلىنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان يېزىقتىكىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇغاندا ئۆزگىچە تۇيغۇدا بولىدىكەن، ئەپسۇس ئۇ خەنزۇتىلىنى چۈشەنمەيدىكەن، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنە بىر يۈرۈش سېتىۋالدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابلار  يىغىپ ساقلاشقا ئەرزىيدىكەن.

   كىتاب كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، جۇڭگو كىتاب سودىسى چەكلىك شىركىتى جۇڭگو چاي مەدەنىيىتى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى، بۇ ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى قىزىقتۇردى.

جۇڭگونىڭ دۆلەت دەرىجىلىك بىرىنچى چاي باھالاش ئۇستىسى رۇڭ شىنيۈ جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىنى كۆرسەتمەكتە.
يەرلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئېلېكتىرونلۇق دوسكىغا رەسىم سىزماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى