شىنخۇا تورى، شىنجاڭ ئاقسۇ، 5-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 14-نۆۋەتلىك ئاقسۇ «دولان كۈسەن» مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى باشلاندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تارىم دەرياسى ئىككى قىرغىقىنىڭ «ساياھەت پەسلى» گە رەسمىي قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
بۇ قېتىمقى ساياھەت بايرىمىدا «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كۈسەن، ئاجايىپ ئاقسۇ» دىن ئىبارەت ئالاھىدە مەدەنىيەت ساياھەت ماركىسىغا تايىنىپ، يەرلىكنىڭ مول ۋە ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقلىرى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇشتۇرۇلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لەر، مەنزىرە رايونلىرى 34 خىل شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق ساياھەت، مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەييارلىدى.
ئونسۇ ناھىيەسىدە «يېمەك-ئىچمەك مۇسابىقىسى» قاتارلىق بىرقاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى. ساياھەت بايرىمى كۈنىلا ئون مىڭغا يېقىن ساياھەتچى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
ئاقسۇ ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، «كۈسەن مەدەنىيىتى»، «دولان مەدەنىيىتى» كېلىپ چىققان جاي، ئاقسۇغا قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ كۆپى تارىم ئويمانلىقىنى بويسىغا كېسىپ ئۆتكەن تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان.
تارىم دەرياسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ، ۋادىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەنكى ئېقىنى يىپەك يولىدىكى تەبىئىي مەنزىرە ۋە مەدەنىيەت مەنزىرىسى ئەڭ كۆپ توپلانغان رايونلارنىڭ بىرى، شۇڭا بۇ يەر شىنجاڭدىكى ساياھەت بايلىقى «مۇزېيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىلا مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسىدىن 126 سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون جىلغىنىڭ بىرى بولغان تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ نام ئالغان تەكلىماكان قۇملۇقى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى تارىم دەرياسى، دۇنيا جېننىس باش ئىشتابى «كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېكولوگىيە باغچىسى» دەپ نام بەرگەن شاياردىكى دۇنيا توغراقلىق باغچىسى قاتارلىقلار بار.