تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

تۇچېل پارىژ ساينت گېرمائىن كوماندىسىنىڭ يېڭى تىرېنېرى بولدى

    جىبوبا 5-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى: ئورگان تەرەپ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارىژ ساينت گېرمائىن كوماندىسى تۇچېلنى كوماندىغان تىرېنېرلىققا تەكلىپ قىلغان، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە تۇچېل پارىژ ساينت گېرمائىن كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئىككى تەرەپ ئىككى يىللىق توختام تۈزگەن.
    تۇچېل بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن بولۇپ، گېرمانىيەلىك، 2000-يىلىدىن باشلاپ تىرېنېرلىق ھاياتىنى باشلىغان. تۇچېل ئالدى كەينى بولۇپ، سىتۇگرات ياشلار كوماندىسى، ئاۋگسبۇرگ 2-كوماندا، ماينتز ۋە دورتمۇند كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلارنىڭ تىرېنېرى بولغان. تۇچېل 2015-يىلى يازدىن باشلاپ 2017-يىلى 5-ئايغىچە دورتمۇند كوماندىسىنى باشلاپ، كوماندىنىڭ 2016\2017-يىللىق مۇسابىقە پەسىللىك گېرمانىيە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
    تۇچېل توختاملاشقاندىن كېيىن زىيارەت قوبۇل قىلغىنىدا «بۇ ئۇغۇلۋار كۇلۇبقا كىرگىنىمدىن خۇشال بولدۇم، پەخىرلەندىم ھەم يۈكسەك ئىرادىلەرنى باغلىدىم. بۇ ئىلغار پۇتبولچىلار بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشقا تەقەززا بولدۇم، مەن ۋە تىرېنېرلار گۇرۇپپىسى چوقۇم كوماندىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە ياردەم قىلىمىز، پارىژ ساينت گېرمائىن كوماندىسىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى كۈچلۈك، بۇ كوماندىغا تىرېنېرلىق قىلىشىم كەسپىي ھاياتىمغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق» دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى