تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

قانداق قىلغاندا بالىلارنى بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر قىلىپ يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟

    ئەگەر بىر بالا ئۆزىنى «ئەقىللىق» دەپ ھېس قىلسا، ئۇ ھەممە نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ، ئۆگىنىشتە تىرىشىدۇ ۋە باشقىلاردىن ياخشى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر ئۆزىنى «دۆت» دەپ ھېس قىلسا، ئۆگىنەلەيدىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ «مەن بۇنى ئۆگىنەلمەيمەن» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىۋالىدۇ-دە، تىرىشمايدۇ. بۇ بالىلاردا ئۆز-ئۆزىگە باھا بېرىش شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۆگىنىشكە قارىتا پەيدا بولىدىغان مۇھىم بىر تەسىردىن ئىبارەت.

    شۇڭا، بالىڭىزنىڭ نەتىجىسى بىر نەچچە پەندە ناچار بولسا، بىرلا قېتىمدا ھەممىسىنى يېتىشتۈرۈپ كېتىمەن دېمەي، ئالدى بىلەن بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىر پەننى ئۆگىنىشنى كۈچەيتسىڭىز، كېيىنچە باشقا پەنلەردىمۇ يېتەكلەپ كەتكىلى بولىدۇ.

    بىر پەننى ياخشى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بالىلاردا ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ-دە، باشقا پەنلەردىكى ئۆگىنىشىدىمۇ روشەن ئىلگىرىلەش بارلىققا كېلىدۇ. تىل-ئەدەبىياتتا ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسىمۇ ناچار بولماسلىقى مۇمكىن. مانا بۇ بەزى بالىلارنىڭ كۆپ تەرەپلەردىكى ئىلگىرىلىشىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئەكسىچە بىر پەندە ياخشى بولمىسا، باشقا پەنلەرگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.

    ئادەمنى چۈشەنمەك تەس، ئەگەر بىر بالا ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچ تىكلىۋالسا، ھەرقانچە قىيىن ئىش بولسىمۇ، ئۇنى ئىنتايىن ياخشى ئورۇندىيالايدۇ، بىر جەھەتتىن باشقىلاردىن ئۈستۈن بولسا، ئۇنىڭ ئىشەنچى ئاشىدۇ، باشقا جەھەتلەردىمۇ باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

    مۇشۇ پىسخىك خۇسۇسىيەتكە ئاساسەن بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، ئالدى بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر پەندە بۆسۈپ ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاندىن باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىشكە يېتەكلەڭ.

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى