تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوئېۋ بىلەن بولغان توختامنى ئىككى يىل ئۇزارتتى

  جىبوبا 5-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى: لوئېۋ بۈگۈن گېرمانىيە كوماندىسىدىن رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ، گېرمانىيە تاراتقۇسى «سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوئېۋ بىلەن بولغان توختامنى ئىككى يىل ئۇزارتقانلىقىنىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان قىلىشى مۇمكىن.

  «سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ توختام ئۇزارتىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنلا بۇنى بېكىتىۋېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ توختامنى يەنە ئىككى يىل ئۇزارتىشى مۇمكىن بولۇپ، توختاملاشقاندىن كېيىن لوئېۋ كوماندىنى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگىچە ئېلىپ مېڭىشى مۇمكىن ئىكەن.

  لوئېۋ 2006-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پارىژ ساينت گېرمان كوماندىسىنىڭ 12 يىللىق تىرېنېرى بولغان، تىرېنېرلىق مەزگىلىدىكى كوماندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر: 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكى، 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك ئورنى، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى