تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

موڭغۇلكۈرەدىكى ياۋا كۈركۈم گۈللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى: 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، موڭغۇلكۈرەدىكى 100 مىڭ مولۇق ياۋا كۈركۈم گۈللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى، مۆلچەرلىنىشچە، چېچەكلەش ۋاقتى 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدىكەن.

    مۇخبىر يېقىندا موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرىغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ياۋا كۈركۈم گۈلى تاماشا قىلىش بازىسىدا سېرىق كۈركۈم گۈللىرىنىڭ ئېچىلىپ، كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى.

   موڭغۇلكۈرەنىڭ كىلىمات شارائىتى كۈركۈم گۈلى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ . شىنجاڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ما شېڭجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى كۈركۈم گۈلى پۈتۈن دۇنيادىكى كۈركۈم گۈللەرنىڭ %70نى ئىگەللەيدۇ. 5-ئاي كىرىشى بىلەن، ناھىيە ئىچىدىكى چوڭ-كىچىك كوچىلاردا كۈركۈم گۈللىرى ئېچىلىشقا باشلايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كۈركۈم گۈلى موڭغۇلكۈرەنىڭ ساياھەت كارتىنىسىغا ئايلاندى ھەمدە بۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

  كۈركۈم گۈلى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ كۈركۈم گۈل بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۇ خۇانىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركەت بىئو تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كۈركۈم گۈلى كۆپەيتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر ئىچى مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرگەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈركۈم گۈلى مېيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلەپ چىقارغان ھەمدە باشقا ئۆلكىلەردە ساتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى