تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

17-نۆۋەتلىك «خەنزۇتىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئىستۇدېنتلار خەنزۇتىلى مۇسابىقىسىنىڭ فىجى مۇسابىقە رايونىدىكى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭگونىڭ فىجىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چيەن بو (ئارقا رەت سولدىن يەتتىنچى) 5-ئاينىڭ 12-كۈنى فىجى پايتەختى سۇۋادا مېھمانلار ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. جاڭ يۇڭشىڭ فوتوسى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 17-نۆۋەتلىك «خەنزۇتىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئىستۇدېنتلار خەنزۇتىلى مۇسابىقىسىنىڭ فىجى مۇسابىقە رايونىدىكى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى شۇ كۈنى فىجى پايتەختى سۇۋادىكى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان داشۆسىنىڭ ئاساسىي مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئارال دۆلىتىدىن كەلگەن 11 ئىستۇدېنت مۇسابىقىگە قاتناشتى. خەنزۇتىلى يېزىقچە ئىمتىھانى، جۇڭگوغا ئائىت بىلىملەردىن سوئال-جاۋاب، خەنزۇتىلىدا نۇتۇق سۆزلەش ۋە ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق تۆت تۈردە كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان داشۆسىدىكى جورجى ۋە سوفىيە ئايرىم-ئايرىم فىجى مۇسابىقە رايونى بويىچە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇلار فىجىغا ۋاكالىتەن بۇ يىل 7-ئايدا جۇڭگونىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن. جۇڭگونىڭ فىجىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چيەن بو ھەمدە رەپىقىسى لۇ چى تەكلىپكە بىنائەن مۇسابىقىگە قاتناشتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
ماھىر نۇتۇق سۆزلىمەكتە. جاڭ يۇڭشىڭ فوتوسى
ماھىر ماھارەت كۆرسەتمەكتە. جاڭ يۇڭشىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى