تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار كەنتتە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوللىدى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ چۇمپاق بازىرى ئاقيار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بۇ كەنتتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتىنىڭ يەنىمۇ جۇش ئۇرۇپ جانلىنىشىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھەسسە قوشتى.    

    5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقيار كەنتىنىڭ ئازادە ۋە كۆركەم بېزەلگەن مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىدە كەنتتىكى بىر توپ دېھقان-چارۋىچىلار يېڭىدىن سەپلەنگەن ياڭراتقۇ ۋە كۆرۈنمە چاستۇتىلىق ئاپپاراتتىن چىقىۋاتقان ناخشىلارغا جۆر بولۇشۇپ، دۆلەت ئورتاق تىلىدا ۋەتەننى كۈيلەيدىغان ناخشىلارنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىۋاتاتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ناھىيە بازىرىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ خىلۋەت كەنتتە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، ئەمما، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، كەنت ئىككى كومىتېت رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بىر يۈرۈش كۆرۈنمە چاستوتىلىق ئاپپارات ۋە ياڭراتقۇ سېتىۋېلىپ، كەنت مەدەنىيەت ئۆيىگە سەپلەپ بەردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھەسەن نۇرۇللا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىنىڭ ئەسلىھەلىرى كونا ھەم كەمچىل بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزەلمەي، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي كېلىۋاتاتتۇق. ئەمدىلىكتە ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ ياردىمى بىلەن، كەنتىمىزدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.»                        

    نۆۋەتتە، ئاقيار كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى كەنت مەدەنىيەت ئۆيىدە ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 19-قۇرۇلتاي روھىنى، ھەر خىل قانۇن-تۈزۈملەرنى، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى