تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ كورلا-يەكەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

  ئۆز خەۋىرىمىز. 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى كورلا-يەكەن بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، بۇ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىن بىۋاستە كورلىغا ئۇچقىلى بولىدىغانلىقىدىن، قەشقەر ياكى ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىشىنىڭ ھاجىتىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە خۇاشيا ئاۋىياتسىيەنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە بىر نۆۋەت قاتنايدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلانلار سائەت 19:50دە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21:35تە يەكەنگە يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 21:15 ئۆتكەندە يەكەندىن ئۇچۇپ، سائەت 23:50دە كورلا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدىكەن. ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە بىر نۆۋەت قاتنايدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 20:35 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:20دە يەكەنگە يېتىپ بارىدىكەن، قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 23:00دە يەكەندىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 00:35 ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن.

  كورلا ئايرودۇرۇمىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى كورلىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يەكەنگە بېرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال قەشقەر ياكى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايروپىلان ئالمىشىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئايروپىلان ئالمىشىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىپ، ئىككى جاي ئارىسىغا قاتناشقا 11 يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن. پويىز بىلەن يولغا چىققاندا 14 سائەتتىن 19 سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلسىلا ئەسلى نىشانغا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ لىنىيە ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئايروپىلان بېلىتى ئالاھىدە باھالىق بېلەت 99 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى