تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تېرە ئاسراش بۇيۇمىنىڭ ئىقتىدارى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى

    ھازىر تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئاتالمىش ئاقارتىش، نەملىك ساقلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ خىل ئۈنۈملۈك جەۋھەر قاتارلىق  مەھسۇلاتلارنىڭ ئىقتىدار ۋە باھا نىسبىتى راستىنلا يۇقىرىمۇ؟ تۆۋەندە بىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۈچ تەرەپتىن مۇكاھىمە قىلىمىز:
    تەركىبى ۋە تەڭشەش نىسبىتىدىن قارىغاندا ئىقتىدارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، قوشىدىغان تەركىبلەر يەككە ئۈنۈملۈك مەھسۇلاتنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ بولۇشى كېرەك. ئەمما قويۇقلۇقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ھەربىر تەركىبنىڭ پۈتۈن مەھسۇلاتتا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئازلاپ كېتىپ، ئويلىغاندەك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ.

    تەركىبىنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا، ھەر بىر تەركىبتە فىزىكىلىق ۋە خىمىيىۋىلىك خۇسۇسىيەتلەر بولغاچقا، بۇ خۇسۇسىيەتلەر قايسى خىل تەركىبلەرنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، رېئاكسىيە يۈز بەرمەسلىكىنى، ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ ياكى يوقاپ كەتمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. تەركىب قانچە كۆپ بولسا، ئۆز-ئارا رېئاكسىيە يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
    مەھسۇلاتنىڭ تۇراقلىقلىقىدىن قارىغاندا، تېرە ئاسراش مەھسۇلاتىنىڭ ئۈنۈمى قانچە كۆپ بولسا، تۇراقلىقىنى ساقلايدىغان تەركىبنى شۇنچە كۆپ قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئېمۇلسىيەلەشتۈرگۈچى دورا (乳化剂)، قويۇلدۇرغۇچى خۇرۇچ (增稠剂) قاتارلىقلار. تەركىبى زىيادە مۇرەككەپ بولۇپ كەتسە، تېرە شۇنچە ئاسان سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۆڭۈلدىكىدەك تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى ئەڭ ئاز تەركىب بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمنى ياراتقان بولىدۇ.

    تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى سېتىۋالغاندا، مال ساتقۇچى دائىم يۈرۈشلۈك مال سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ تېرە ئاسراشقا قارىتا تەلىپى ئاز كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تەكلىپ، ئەمما تېرە ئاسراشقا نىسبەتەن تەلىپى بىر قەدەر كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن ئانچە ئەمەلىي بولمىغان تەكلىپ. شۇڭا تەركىب جەدىۋىلىنى ئېنىق كۆرۈپ چۈشەنگەندىن كېيىن، قايسى خىل تەركىبنى بىللە ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلىش زۆرۈر. ئەگەر قايسى خىل تەركىبلەرنى بىللە ئىشلەتسە بولمايدىغانلىقىنى بىلەلمىسە، بىر ماركىدىكى ئوخشىمىغان يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن پەرداز سۈيىنىڭ نەملىك ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغىنىنى؛ جەۋھەرنىڭ تېرە ئاقارتىش بىلەن نەملىك ساقلاش ياكى قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن نەملىك ساقلاش ئۈنۈمگە ئىگە بولغىنىنى؛ يۈز مەلھىمىنىڭ كېچىلىك ۋە كۈندۈزلىكى ئوخشىمىغاچقا، كۈندۈزلۈك مەلھەم تاللىغاندا نەملىك ساقلاش ئۈنۈمى بارلىرىنى، كېچىلىك مەلھەم تاللىغاندا ئاقارتىش ياكى قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغىنىنى تاللاش كېرەك. مەيلى قانداق ماسلاشتۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، ئىسىڭىزدە بولسۇنكى نەملىك ساقلاش تېرە ئاسراشنىڭ ئاساسى، شۇڭا ھېچ بولمىغاندا بىر خىل تېرە ئاسراش مەھسۇلاتىڭىزنىڭ بۇ خىل رولى بولسۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى