تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخۇا

   ئېلىمىزدىكى زور بىر تۈركۈم داڭلىق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ سېلىنما سوممىسى ۋە كارخانىلارنىڭ سانى تېز كۆپەيدى، كەسىپنىڭ كۆلۈمى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بولۇپمۇ يېڭىدىن كۆپەيگەن پاختا توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە ھۈنەر- سەنئەت سەۋىيەسى خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ...

  2014- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار باش نىشاننى چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەچكە، شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىز توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ سىجىل ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى ئاپتونوم رايون، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي كەسىپ بولۇپ قالدى.

  كەسىپ كۆلۈمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، «ئۈچ شەھەرچە، يەتتە رايون» ئەندىزىسى ئاساسەن شەكىللەندى

  2014- يىلى 9 مىليارد 615 مىليون يۈەن، 2015- يىلى 31 مىليارد 790 مىليون يۈەن، 2016- يىلى 47 مىليارد 970 مىليون يۈەن، 2017- يىلى 46 مىليارد 850 مىليون يۈەن... يېقىنقى نەچچە يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ مۇقىم مۈلۈكىگە سېلىنغان مەبلەغ سوممىسىدىن مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسىنىڭ 136 مىليارد 225 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەنگە ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ سانى 2014- يىلىنىڭ بېشىدىكى 560تىن 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 2703كە يەتكەن، يېڭىدىن 2143 كارخانا كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا كەلگەن كارخانىلار 616 بولۇپ، ئەمەلىي سېلىنما سوممىسى 80 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن كەسىپنىڭ %70نى ئىگىلىگەن.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز «تيەنخۇڭ»، «جىنشېڭ»، «خۇڭدوۋ» ۋە «جىفا» قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى 100 كۈچلۈك توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى، «خوافۇ»، «رۇيى» ۋە «شىنيې» قاتارلىق نەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سالغان كارخانىلارمۇ مەبلەغ سېلىش كۆلۈمىنى تېز كېڭەيتتى.

  كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، پەرقلىق ۋە ئۆزگىچە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاپتونوم رايون مەخسۇس «توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قارغۇلارچە تەرتىپسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، كارخانىلارنى ئاقسۇ ۋە كورلا قاتارلىق «ئۈچ شەھەرچە، يەتتە رايون»دىكى نۇقتىلىق رايونلارغا توپلىشىشقا يېتەكلىدى ھەم ھەر قايسى رايونلارنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلاردا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان 26 ناھىيە (شەھەر، رايون) بارلىققا كەلدى، «ئۈچ شەھەرچە، يەتتە رايون»دىن ئىبارەت نۇقتىلىق رايونلاردىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 35 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %80ىنى ئىگىلىدى.

  ئاپتونوم رايون بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلىدى. ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلەر، شەھەرلەر ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغان، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك رايونلىرى ۋە كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، بىرخىللاشتۇرۇش ۋە تۆۋەن سەۋىيەدە رىقابەتلىشىشتىن ساقلاندى.

  يىرىك پىلان بويىچە، گىلەم كەسپى نۇقتىلىق ھالدا يەكەن، مارالبېشى، كۇچا ۋە جىڭ قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئەتلەس كەسپى خوتەننى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان بولدى؛ كەشتىچىلىك كۇچا، ئاتۇش، ئاقتۇ، قومۇل، مورى ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم كەشتىچىلىك رايونى قۇرۇلىدىغان بولدى؛ مىللىي كىيىم- كېچەكتە قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ئاساس قىلىندى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلۈمى تېز كېڭىيىپ، تۆت يىلدا يېڭىدىن 350 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا زور تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە كورلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى 34 توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىسى 11 مىڭ 200 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسىدىكى 92 توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىسى 25 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدىكى 55 توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىسى 10 مىڭ 800 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا، «باش ئىشتاب+ھەمراھ زاۋۇتلار»دىن «ئائىلە سېخى» ۋە «ئائىلە زاۋۇتى»غىچە، ئاپتونوم رايون ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاپتى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم سانائەت ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

  شىنجاڭ «چيەنيې» ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى خەلچەم ئابباس سانائەت ئىشچىسى. ئۇ ئىلگىرى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان، 2017- يىلىنىڭ بېشىدا شىركەتتە ئىشلىگەندىن كېيىن، كىرىمى نەچچە يۈز يۈەندىن ھازىرقى 2000 نەچچە يۈەنگە يەتكەن. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ھازىر ئۆيۈمگە يېقىن جايدا ئىشلەۋاتىمەن، ئىشقا ۋاقتىدا بېرىپ ۋاقتىدا قايتىمەن، تۇرمۇشۇم مۇقىم بولدى، كۈنۈم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھىنىڭ 800 مىڭ ئۇرچۇقلۇق رەقەملەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا توقۇمىچىلىقى ئۈلگە بازىسى تۈرى 2017- يىلى 3- ئايدا قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ۋە يېڭىسار ناھىيەسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ گۇرۇھ كېيىن ناھىيە، يېزا ۋە كەنتتىكى سىناق نۇقتىلىرىدا «ئائىلە زاۋۇتى» ۋە «ھەمرا زاۋۇت» قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، پايپاق توقۇش ماشىنىسىنى بىۋاسىتە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ بېرىپ، يەرلىك ئاممىغا ئۆيىدىلا ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2018- يىلى جايلار مەلۇم قىلغان توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىدە يېڭىدىن كۆپىيىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىلانى 100 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر خۇ كەيجاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز «ھەمراھ زاۋۇت +دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئارخىپى ۋە كارتىسى تۇرغۇزۇلغان ئېغىر نامراتلارنىلا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ، ھەمراھ زاۋۇتلارنى نامراتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا داۋاملىق رىغبەتلەندۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايون مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: بۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ئاز مەبلەغ سېلىنىدىغان، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كىيىم- كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى ۋە ئىلمە توقۇمىچىلىق قاتارلىق تېرمىنال كەسىپلەرنى نۇقتىلىق يۆلەپ ۋە ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسەتتە يۆلەش ۋە مايىل بولۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىيىم- كېچەك تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىغا بېرىپ مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەشكە تەشكىللەش كېرەك.

  سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايون 2017- يىلى «شىنجاڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2018- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە)» ۋە «شىنجاڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاتارلىق پىكىر ۋە يىرىك پىلانلارنى ئېلان قىلىپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش يېڭى تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا كونكرېت يۆلىنىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ئاپتونوم رايون يېقىندا يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى 2018- يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 17 سىياسەت ۋە تەدبىرنى تەڭشىدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يېتەكچى قىلىش، ئائىلە تىككۈچىلىكى قاتارلىق تېرمىنال كەسىپلەرگە مايىل بولۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى زور تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش تەلىپى بويىچە، كەسىپنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، توغرا سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى يۆلەش سىياسەتلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليونلىغان كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىپ، سىياسەتلەردىن ئىمكان قەدەر ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز.

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇنىڭدىن كېيىن مەركەزلەشتۈرۈش، سۇ تىجەش ۋە مۇھىت ئاسراش پىرىنسىپى بويىچە، سەۋىيەسى يۇقىرى ھەم پاكىز بۇياقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇياقچىلىق تۈرلىرى ۋە كەسىپلەر تولۇق بولغان توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنىڭ بۇياقچىلىق ھالقىسىنى ئاقسۇ، كورلا، شىخەنزە ۋە ئارالغا يىغىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك ئوبوروت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئۈرۈمچى رايونى خەلقئارا كىيىم- كېچەك كۆرگەزمە ۋە سودا سۇپىسى مەركەز قىلىنغان سودا ۋە ئوبوروت مەركىزى قۇرىدۇ؛ «ھەمراھ زاۋۇت+دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ؛ ئائىلە مىللىي كىيىم- كېچەك تىككۈچىلىكىنى يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ؛ شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سودا بازىرى قاتارلىقلارنى قۇرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يەنە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىيىم- كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى ۋە ئىلمە توقۇمىچىلىق قاتارلىق تېرمىنال كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؛ ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئۆلچەملىك زاۋۇت بىناسى قۇرۇلۇشى، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىرانسپورت ھەققى، توك پۇلى، خادىملارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل قاتارلىقلارنى داۋاملىق سىياسەت جەھەتتىن قوللايدۇ. ھەر خىل توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىلىرى شىنجاڭلىق خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا، ھەر بىر كىشىگە ئۈچ يىلغا بۆلۈپ، (بىرىنچى يىلى 2000 يۈەن، ئىككىنچى يىلى 1000 يۈەن، ئۈچىنچى يىلى 2000 يۈەن) يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللاش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زاۋۇت بىناسى قۇرۇشىنى قوللاش سالمىقى ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تولۇقلىما سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىدۇ؛ كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا توشىشىغا تولۇقلىما بېرىدۇ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسىپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى داۋاملىق قوللايدۇ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ، بىر قىسىم ناھىيە ۋە شەھەرلەرنى مەخسۇس تۈر بويىچە قوللايدۇ.

  خۇ كەيجاڭ مۇنداق دېدى: بىز يەنە توغرا سىياسەت يۆنىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسىپ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، يادرولۇق رىقابەت كۈچى كۈچلۈك ۋە نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بىر تۈركۈم كەسىپلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.

  خۇ كەيجاڭ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يېتەكچى قىلىش توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي پىرىنسىپ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپ، دەپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن سىستېما كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى كاپالەتلىك قىلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى