تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك سەپىرى

  4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاق تۇرنا توپى موموگې سۇلۇ يېرى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا پەسىل قۇشلىرىنىڭ جەمئىي توققۇز كۆچۈش لىنىيەسى بار. بۇ توققۇز لىنىيە ئىچىدە «شەرقىي ئاسيا_ئاۋسترالىيە» لىنىيەسى ئاق تۇرنىلارنىڭ مەخسۇس كۆچۈش لىنىيەسى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا ساقلىنىپ قالغان 3500 ئاق تۇرنا ئىچىدە %90كە يېقىن ئاق تۇرنا مۇشۇ لىنىيەدە كۆچۈش سەپىرىنى داۋام ئېتىدۇ. ھەر يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئالماشقاندا ئارقا-ئارقىدىن شىمالغا قايتقان ئاق تۇرنىلار مۇشۇ لىنىيە ئۈستىگە توغرا كېلىدىغان جىلىن ئۆلكىسى بەيچېڭ شەھىرى جېنلەي ناھىيەسىدىكى مومۇگې سۇلۇ يېرىدە توختاپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

  جېنلەي ناھىيەسى جۇڭگو ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى ئاق تۇرنا يۇرتى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن، ئاق تۇرنا بۇ يەردە پائالىيەت قىلىدىغان بىردىنبىر توپ بولماستىن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يەنە قىزىل قاشقا تۇرنا، لەيلىلىك تۇرنا، كۈلرەڭ تۇرنا، ئاق باشلىق تۇرنا، ئاق گەن تۇرنا، كانادا تۇرنىسى قاتارلىق ئالتە ئائىلە ئەزالىرى سەپەرداش بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە موموگې دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى سۈنئىي كۆپەيتىپ ۋە قۇتقۇزۇپ قالغان ئاق تۇرنىلار توپى ھەر يىلى پەسىل قۇشلىرىنىڭ شىمالغا قايتىش سەپىرىنىڭ بېسىق مەزگىلىدە كۆچۈش سەپىرىدىكى بۇ ئۆتەڭنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، قاينام تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولىدۇ.

(ۋاڭ خاۋفېي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى