تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قازاندىن كېلىدىغان خەۋپتىن پەخەس بولۇڭ

 

    تۇرمۇشىمىزدا بەزى قازانلارنى توغرا ئىشلەتمىگەندە، ياكى ياخشى تازىلىمىغاندا سالامەتلىككە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

    يۇقىرى بېسىملىق قازاننىڭ قىستۇرما ھالقىسى. يۇقىرى بېسىملىق قازاننىڭ رېزىنكىلىق ھىملاش ھالقىسى گۈڭگۈرتلەشتۈرۈش ئاگېنتى، ئاكتىپلاشتۇرغۇچى دورىلار، تولۇقلىغۇچى دورىلار، رەڭ بېرىش خۇرۇچى قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى زەھەرلىك بولۇپ، يېمەكلىك پىشۇرغاندا پەيدا بولىدىغان ھور ھىملاش چەمبىرىگە يىغىلىپ، سۇ تامچىسىغا ئايلىنىپ، قازانغا كىرىپ يېمەكلىكنى بۇلغايدۇ. شۇڭا ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، يۇمشاق لاتىغا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قويۇپ سۈرتكەندىن كېيىن، پاكىزە سۇ بىلەن چايقاپ، قۇرۇتۇپ، ئاندىن ئورنىغا سېلىپ قويۇش كېرەك. ئەمما رېزىنكە ھالقىنىڭ كونىراپ، شەكلىنىڭ ئۆگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن چايقىغاندا قايناقسۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، سىم يۇغۇچ ياكى زىيادە قاتتىق يۇغۇچلارنىمۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇزۇلۇپ قېلىشى ۋە چىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئاچچىقسۇ، شۇلتا قاتارلىقلارغا ھىملاش چەمبىرىكىنى چىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

    توك قازان تۇۋىقى. شوۋىگۈرۈچ ئاسانلا توك قازاننىڭ تۇۋىقىغا يېپىشىپ قالىدۇ، ۋاقتىدا تازىلىمىغاندا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن غەيرىي پۇراق پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھور چىقىرىش تۆشۈكىنى توسۇپ قويۇشى مۇمكىن. بەزى توك قازانلارنىڭ تۇۋىقى  رېزىنكە قىستۇرۇش ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلغان بولۇپ، بوشقىنە بېسىپ قويسىڭىزلا چۇۋۇپ ئالالايسىز، بەزى توك قازانلارنىڭ تۇۋىقى ۋېنتا ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋىنتىنى بوشىتىپ يۇيۇپ، سۈرتۈپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، يەنە بېكىتىپ قويسا بولىدۇ. ھور چىقىرىش تۆشۈكىنى ھۆل لاتا بىلەن سۈرتسە پاكىز چىقىدۇ، يۇيۇشتىن ئىلگىرى توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

    چاپلاشماس قازاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مايلىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش ياكى قوپال يۇيۇش. چاپلاشماس قازاننىڭ بىخەتەر ئىشلىتىش تېمپېراتۇرىسى 250 سېلسىيە گىرادۇس، قازاننىڭ سۇۋىقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدا زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ، شۇڭا بۇ خىل قازاندا مايلىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا بولمايدۇ. چاپلاشماس قازاننى ئىشلىتىپ بولۇپلا يۇيۇشقا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى قازان قىزىغاندا ئازراق ئىلمان سۇ ۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قۇيۇپ، يۇمشاق بۇلۇت بىلەن يۇيۇش كېرەك. قازاننىڭ مەينەت بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئادەتتە ئوتتۇراھال ۋە سۇس ئوتتا تاماق ئېتىش، قازاننىڭ قىسمەن يېرىنىڭ كۆيۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

    رەڭلىك ساپال قاچا-قۇچا. ساپال قاچا-قۇچىلارنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى رەڭلىك نەقىشلەر گەرچە ئوچۇق، چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە  قوغۇشۇن، سىماب، كادمىي قاتارلىق ئېغىر مېتاللار بار، ساپال قاچىلارنىڭ رەڭگى قانچە قېنىق، ھەم ئوچۇق بولسا، شۇنچە زەھەرلىك بولىدۇ. كادمىي بىلەن قوغۇشۇن ئاسانلا جىگەرنى زەھەرلەيدۇ، سىماب جىگەر ۋە بۆرەك قېتىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ساپال قاچا-قۇچىلارنى تاللىغاندا  گۈل-نۇسخىلىرىغا بەك ئېتىبار بېرىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىچكى دىۋارىدىكى رەڭلەرگە ئەھمىيەت بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. يېڭىدىن سېتىۋالغان ساپال قاچا-قۇچىنى ئاۋۋال ئاچچىقسۇغا ئىككى، ئۈچ سائەت چىلاپ قويۇپ، رەڭلىك نەقىش ئىچىدىكى زىيانلىق ماددىلارنى ئېرىتىۋېتىش كېرەك.

    تۆمۈر قازان ئېغىر دەرىجىدە داتلىشىدۇ. تاماق ئېتىش جەريانىدا تۆمۈر قازاندىكى تۆمۈر ماددىسى ئاز مىقداردا ئاجرىلىپ، ئادەم بەدىنىگە تۆمۈر تولۇقلايدۇ. ئەمما تۆمۈر قازان ئېغىر دەرىجىدە داتلاشسا، ئادەم بەدىنى زىيادە ئوكسىدلانغان تۆمۈرنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، جىگەر زەخمىلىنىدۇ، شۇڭا ئېغىر دەرىجىدە داتلىشىدىغان، قارىسى چۈشىدىغان قازانلارنى قەتئىي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تاماق ئەتكەندە قازاننىڭ ئىچىنى پاكىز يۇيۇپ، سۈرتۈپ قۇرۇتۇپ، داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆمۈر قازاندا ئىمكان بار شورپا ئەتمەسلىك كېرەك.

    داتلاشماس قازاندا جۇڭيى دورىسى قايناتماڭ. داتلاشماس قازاننى ياساش جەريانىدا داتلىشىشتىن ساقلايدىغان خروم ۋە چىرىشتىن ساقلايدىغان نىكېل قوشۇلىدۇ. جۇڭيى دورىسىنىڭ تەركىبىدە بىيولوگىيەلىك ئىشقار بولغاچقا، قازان تەركىبىدىكى ئېغىر مېتاللار بىلەن ئىشقارنىڭ بىرىكىش رىئاكسىيەسى يۈز بېرىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمى يوقايدۇ، ئادەم بەدىنى ئاسانلا ئېغىر مېتاللارنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، جىگەر ۋە بۆرەك زەخمىلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر داتلاشماس قازاندا سوغۇق سەي تەييارلايدۇ، لېكىن سوغۇق سەينى داتلاشماس قازاندا ئۇزۇن مۇددەت قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئېغىر مېتاللار ئاجرىلىپ چىقىپ، سوغۇق سەينى بۇلغاپ قويىدۇ. ئەگەر داتلاشمان قازان قارىدىۋالسا، بۇ ئېغىر مېتاللارنىڭ ئاجرىلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا قازاننى دەرھال ئالماشتۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى