تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزارلىق باش يازدا يېشىللىققا پۈركەندى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شيې شېمىن خەۋىرى، فوتوسى. قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزارلىق 5-ئايدىكى باش يازدا يېشىل شاخلىرىنى، يۇمران يوپۇرماقلىرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن نامايان قىلدى. قېيىنزارلىقتا سەيلە قىلغاندا يىراققا نەزەر سالساق قېيىنزارلىقنىڭ يېشىللىققا پۈركىنىپ، دەرەخ شاخلىرىنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلەشكەنلىكىنى كۆرىمىز، بۇ قېيىنزارلىقتا ئوت-چۆپلەر خۇددىي يەرگە سېلىنغان گىلەمدەك پۈتۈن يەرنى قاپلىغان بولۇپ، قۇشلار شاختىن-شاخقا ئۇچۇپ، كالىلار ئوزۇق ئىزدەپ يۈرەتتى. قۇياش نۇرى دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىن «يېشىل گىلەم» گە ئۈستىگە چۈشۈپ جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. قېيىنزارلىقتىكى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ، قۇشقاچلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلىغاندا، كەيپىيات بۆلەكچىلا ئازادىلىككە تولاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى