تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

مېۋە-چېۋە، كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلغان ئاياللارغا ئاسان قورۇق چۈشمەيدۇ

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: گوللاندىيە ئېراسمۇس داۋالاش مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېتەرلىك كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە قوبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى قورۇق ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بولمىغان تەڭ ياشتىكى ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى قورۇققا قارىغاندا ئاز بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 2753 نەپەر پىدائىيغا تەكشۈرۈش قەغىزىنى تولدۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئىستېمال قىلغان كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۆش، بېلىق، بولكا، كالا سۈتى، تاتلىق تۈرۈم ۋە ئىسپىرت قاتارلىقلارنىڭ سانىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى باھالىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار پىدائىيلارنىڭ يۈزىدىكى قورۇقنى ئۈچ ئۆلچەملىك سىكاننېرلاش ئۇسۇلىدا تەكشۈرگەن.

  تەتقىقاتچىلار ئەڭ يېڭى بىر سان «ئامېرىكا تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ساغلام يېمەك-ئىچمەك كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلغان، يەنى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، بېلىق قاتارلىق ساغلام يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، گۆش، قەنت، تويۇنغان ماي ۋە ئىسپىرتنى ئاز ئىستېمال قىلغان پىدائىيلارنىڭ يۈز تېرىسىدە قورۇق كۆرۈنەرلىك ئاز بولىدۇ». بۇ خۇلاسە تاماكا چېكىش، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قاتارلىق تېرىنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى ئويلاشقان ھالدا كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان.

  تەتقىقاتچىلار يەنە شۇنى بايقىغان، يەنى بۇ باغلىنىش پەقەت ئاياللارغىلا ماس كېلىدىغان بولۇپ، «ئەرلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكتە ساغلام بولۇش-بولماسلىقىنىڭ قورۇق سانىغا تەسىر كۆرسىتىشىدە پەرق بولمىغان» ئىكەن.

  گوللاندىيە ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ تەتقىقات تۈر باشلامچىسى سېلما مېكىچنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە تاماكا چەكمەسلىك ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىشتىن سىرت، تاشقى قىياپىتىنىڭ ياش ھالەتتە تۇرۇشىنى خالايدىغان خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە بىر ئۇسۇل كۆپەيگەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بۇرۇنلا كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى