تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تۆت ئافرىقا پىلى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى

    شىنجاڭ تورى مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى: 5-ئاينىڭ باشلىرىدا، تۆت ئافرىقا پىلى زېمبابۋېدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىندى ۋە شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا ساياھەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
    تۈنۈگۈن، مۇخبىر شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۆت ئافرىقا پىلىنىڭ ئۆز رايونىدا سەيلە قىلىۋاتقانلىقىنى، تۇرۇپ-تۇرۇپ خارتومىنى ئاسمانغا قارىتىپ، چىشلىرىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، باققۇچىلار يەم خەشەكنى كۆتۈرۈپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ دەرھال باققۇچى يېنىغا توپلىشىۋالغانلىقىنى بايقىدى.
   «ئاساسلىقى قارا بۇغداي غازىڭى، شېكەر قومۇش، ئالما بېرىمىز، بەزىدە كومىلاچ يەم خەشەك بىلەن مىكرو ئېلمېنىتىنى تولۇقلايمىز. يېقىنقى مەزگىللىك ئىپادىسىدىن قارىغاندا بۇ يەرگە خېلى كۆنۈپ قالدى» دېدى ياۋايى تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى باققۇچىلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ساۋ جۈن ۋە بۇ تۆت پىلنىڭ زېمبابۋېدىن ئايرىپ كارانتىن قىلىنغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى، ياشلىرى 4 ياشتىن 6 ياشقىچە، ئىككى ئەركەك، ئىككى چىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
    ساياھەتچىلەر ئافرىقا پىلى بىلەن ئاسىيا پىلىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە ساۋ جۈن ئافرىقا پىلىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىنىڭ ئاسىيا پىلىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئافرىقا پىلىنىڭ ئۈچ بۈرجەكلىك قۇلىقىنىڭ ئاسىيا پىلىنىڭ تۆت بۈرجەكلىك قۇلىقىدىن بىر ھەسسە چوڭ كېلىدىغانلىقىنى، ئافرىقا پىلى چىشىنىڭ ئاسىيا پىلىنىڭ چىشىدىن ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، ئەركەك پىل ۋە چىشى پىلنىڭ ئوخشاشلا چىشى بارلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت ئافرىقا پىلىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى سەپرا، كۆندۈرۈش تەسلىكىنى ئېيتتى.
    تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ تەشۋىقات باشقۇرغۇچىسى پى لىننا نۆۋەتتە بۇ تۆت پىلغا ئىسىم قويۇلمىغانلىقىنى، باغچىنىڭ ئاھالىلەرگە مۇكاپاتلىق ئىسىم تەكلىپ بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ئەگەر كىمنىڭ ئەۋەتكەن ئىسمى تاللانسا شۇ كىشىگە تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى تەمىنلىگەن سوۋغا ۋە پىل باققۇچىلىق ۋەزىپىسىنى بىر قېتىم ھېس قىلدۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى